تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
«سۈرىيەدە بىخ ئۇرغان تىنچلىق ئۈمىدىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز»
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 13 يىللىق ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، سۈرىيەدە بىخ ئۇرغان تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىك ئۈمىدلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
«سۈرىيەدە بىخ ئۇرغان تىنچلىق ئۈمىدىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز»
إردوعان ئېيتىپ ئۆتتى دۇنيادىكى خەلقئارا ئىنسانىي ئاپەتلەر ھەققىدە تۈركىيەنىڭ كومپيۇتېر تۆرەلمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھۆججەتتە / سۈرەت: AA / TRT FRançais

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

ئەردوغان باياناتىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلارنىڭ ئېغىر شەكىلدە دەپسەندە قىلىنىشى ۋە ئىنسانىيەت قىممەت قاراشلىرىنىڭ يوققا چىقىرىلىشىغا توسالغۇ بولالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ خىتابنامىنىڭ، جۈملىدىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان جايلارنىڭ بېشىدا غەززە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلارنىڭ پەلەستىندىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمنەپەس بولۇۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز. غەززە ۋە باشقا پەلەستىن زېمىنلىرىدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ بار ئىدى.

ئەردوغان ئۇدا 60 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان بەئىس پارتىيەسى دىكتاتورلۇقى ۋە 13 يىللىق ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن سۈرىيەدە بىخ ئۇرغان تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىك ئۈمىدلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىغا ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىمىز.»

ئەردوغان كىشىلىك ھەق - ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان مەدەنىيەت ئىرقچىلىقى، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە كەڭ قورساق بولماسلىققا قارشى كۈرەشلىرىنىڭمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش، بۇ ھەق - ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقان تۈزۈملەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش بارلىق دۆلەتلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئالەمشۇمۇل مەجبۇرىيەتتۇر.»

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز
فەتۆنىڭ مۇداپىئە سانائىتىگە قاراتقان سۇيىقەستلىرى ۋە يېقىنقى 10 يىلدىكى تەرەققىياتلار...