7-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى خەلقئارا يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
7-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى خەلقئارا يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى7-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى خەلقئارا يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى بولغان «زەپەر لوڭقىسى» باسقۇچى ئاخىرلاشتى.
7-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى خەلقئارا يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

ئىستانبۇل بوغۇزىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، سېلىم قاقىشنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى «Zacapa» ناملىق كېمە «زەپەر لوڭقىسى» غا ئېرىشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ ھىمايىسىدە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ھەمدە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى، ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسى ۋە تۈركىيە ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا، ئىستانبۇل ئوچۇق دېڭىز يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقە كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 7-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى خەلقئارا يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى بولغان «زەپەر لوڭقىسى» تاماملىنىپ، غەلىبە قىلغۇچىلار بېكىتىلدى. مۇسابىقىگە 58 كوماندا ۋە 600 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشتى.

30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىغا ئاتالغان بۇ ئالاھىدە مۇسابىقە چىراغان سارىيى ئالدىدىن باشلىنىپ، ئارناۋۇتكۆيدە ئاخىرلاشتى. تەنھەرىكەتچىلەر ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ قاتتىق شامىلىغا قارشى ئىستراتېگىيە ۋە تېخنىكىلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ پۈتۈن كۈچى بىلەن رىقابەتلەشتى.

مۇسابىقىدە سېلىم قاقىشنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى «Zacapa» كوماندىسى بىرىنچى بولدى؛ ئوغۇز ئاياننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى «Angel's Of CMC Holding» كوماندىسى ئىككىنچى، لەۋەنت پەينىرجىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى «Enka» كوماندىسى ئۈچىنچى بولۇپ مۇسابىقىنى تاماملىدى.

ئىستانبۇل ئوچۇق دېڭىز يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقە كۇلۇبىنىڭ رەئىسى ئەكرەم يەملىھائوغلۇ، زەپەر بايرىمى كۈنى شۇنداق چوڭ بىر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «600 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچىمىزنىڭ تۈركىيە بايرىقى بىلەن زىننەتلەنگەن يەلكەنلىك كېمىلىرى بىلەن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، شانلىق تارىخىمىز ۋە غەلىبىمىزگە لايىق بىر كۆرۈنۈش ئېلىپ كەلدى. بىز پەقەت بىر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىلا ئۆتكۈزمىدۇق، بەلكى ئۆتمۈشىمىزگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلىدۇق. بۇ چوڭ پائالىيەتكە تۆھپە قوشقان بارلىق ئورگانلارغا ۋە بىز بىلەن بىرگە بولغان ئىستانبۇل خەلقىگە رەھمەت ئېيتىمەن.»

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى