رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئونلىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

By
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى / AP

ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيەنىڭ جەنۇبى ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى قىرىمدا مەكتەپلەرنىڭ تاقىلىشىغا، ساياھەتنىڭ ئاقسىشىغا سەۋەب بولدى، ئۆيلەرگە زىيان سالدى. ۋەقەدىن كېيىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى تېزلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتتى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى، كېچىچە رۇسىيەنىڭ بەش رايونى، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى قىرىم ۋە قارادېڭىز ئۈستىدە ئۇكرائىنانىڭ 33 دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈپ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيە خەلق ئاۋىياتسىيە نازارىتى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار سەۋەبىدىن كەم دېگەندە سەككىز ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇشلارنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى دەلىللىدى، بۇ ئەھۋال تالاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا ھاۋا قاتنىشىنى ئاقساتتى.

كراسنودار رايونلۇق جىددىي قۇتقۇزۇش دائىرىلىرى سلاۋيانسك-نا-كۇبانىدا بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، يارىلانغانلارنىڭ تولۇق داۋالاش ياردىمى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرلىك مەكتەپلەر، يەسلىلەر ۋە ياردەمچى مائارىپ ئورگانلىرى تاقالدى؛ ئوتتۇرا ۋە ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىغا بولسا تەھدىت ئاخىرلاشقانغا قەدەر دەرسلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپى بېرىلدى.

ۋالىي يۇرى سيۇسار روستوۋ رايونىدا يەتتە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، بىر توك تۈۋرۈكىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ۋە 200 دىن ئارتۇق ئۆينىڭ توكسىز قالغانلىقىنى بايان قىلدى.

جىددىي قۇتقۇزۇش ئورگانلىرى يەتتە ئوخشىمىغان نۇقتىدا دېرىزە، ئۆگزە ۋە ئىشىكلەردە زىيان كۆرۈلگەنلىكىنى ئېنىقلىدى؛ پۇقرالارنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى رېمونت قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن رايونغا ئەترەتلەرنى ئەۋەتتى.

تاس (TASS) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سلاۋيانسك ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى رومان سىناگوۋىسكىي تېلېگرام (Telegram) سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ تەدبىر يۈزىسىدىن تاقالغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

رۇسىيە دائىرىلىرى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ھۇجۇمدىن كېيىن زىياننى ئېنىقلاپ چىقىش خىزمىتى ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئامانلىقنى قوغداۋاتقانلىقىنى ۋە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا جىددىي ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۇقرالارنى ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىردى.