خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستاننىڭ شەرقىدە بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 10 بىمار قازا قىلدى
بۇ ۋەقە ھىندىستاندىكى سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرلەرنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.
ھىندىستاننىڭ شەرقىدە بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 10 بىمار قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ شەرقىدە بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 10 بىمار قازا قىلدى / AFP

ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى بىر دۆلەت دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، ئېغىر زەخىملەنگەنلەرنى داۋالاش بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقان ئاز دېگەندە 10 ئېغىر بىمار ھاياتىدىن ئايرىلدى. دائىرىلەر بۇ ۋەقەنى دەلىللىدى.

ھىندىستاندا ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە بىخەتەرلىك قائىدىلىرىگە دائىم رىئايە قىلىنماسلىقى سەۋەبىدىن، بىنالاردا ئوت كېتىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىپ تۈرىدۇ.

ئوت ئاپىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەتلەردە ئودىشا (Odisha) شتاتىنىڭ كۇتتاك (Cuttack) شەھىرىدىكى SCB تېببىي ئىنستىتۇتى ۋە دوختۇرخانىسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدا يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئودىشا باش ۋەزىرى موھان چاران ماجى (Mohan Charan Majhi) مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ ۋەقەنى جەزملەشتۈردى.

ماجى: «بىمارلار داۋالىنىۋاتقان تراۋما جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە توك سىمى ئوت كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دېدى. ئۇ ۋەقە جەريانىدا شۇ قەۋەتتە 23 بىمارنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئوت ئاپىتىدە 10 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، باشقا بىمارلارنىڭ بولسا ئوخشىمىغان بۆلۈملەرگە يۆتكەلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

بىمارلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىكى ئاز دېگەندە 11 سەھىيە خادىمىمۇ ئوتتا كۆيۈپ يارىلاندى.

ھىندىستان باش ۋەزىرى نارېندرا مودى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، بۇ ۋەقەنى «تەسىرلىك ۋە ئازابلىق» دەپ سۈپەتلىدى ھەمدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

مودى يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە 2160 دوللار مىقدارىدا تۆلەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ياخشى ئاسرالمىغان توك سىملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەر، ھىندىستاندىكى ئوت كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2024-يىلى جەنۇبتىكى تامىل نادۇ ئىشتاتىدا بىر خۇسۇسىي دوختۇرخانىدا چىققان ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە ئالتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 20 دىن ئارتۇق كىشى يارىللانغان ئىدى.

شۇ يىلى يەنە شىمالدىكى ئۇتتار پرادېش شتاتىدىكى بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 10 يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

 

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»