سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
بولىۋىيەدىكى بىر ھەربىي لاگېردا پارتلاش يۈز بەردى
بولىۋىيەنىڭ ۋىياچا (Viacha) شەھىرىدىكى بىر ھەربىي لاگېردا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 10 دىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى،58 ئادەم يارىلاندى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پۇقرالار.
بولىۋىيەدىكى بىر ھەربىي  لاگېردا پارتلاش يۈز بەردى
بولىۋىيەنىڭ غەربىدىكى ۋىياچا شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ سەۋەبى يەنىلا تەكشۈرۈلمەكتە. سۈرەت: ت ر ت ۋورلد. / TRT World

يەرلىك سەھىيە مەسئۇلى رىتا نېبراسكا (Rita Nebraska)  بولىۋىيە تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، بولىۋىيەدىكى بىر ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 10 دىن 15 كىچە ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇداپىئە مىنىستىرى ئېرنېستو جۇستىنىيانو (Ernesto Justiniano) جۈمە (2026-يىلى 4-سېنتەبىر) كۈنى كەچتە، غەربتىكى ۋىئاچا شەھىرىدىكى ھەربىي لاگېردا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئاز دېگەندە 58 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پۇقرالار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مىنىستىر فەيسبۇكتا (Facebook) يازغان يازمىسىدا، پارتلاشنىڭ چۈشتىن كېيىن 2:30  ئەتراپىدا (گىرىنۋىچ ۋاقتى 18:30) ئوق-دورا ساقلىنىدىغان بىر جايدا يۈز بەرگەنلىكىنى، يارىلانغانلارنىڭ 52 نەپىرىنىڭ پۇقرا، قالغانلىرىنىڭ ھەربىي خادىملار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن سىنلاردا، شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ھەربىي لاگېردىن قويۇق قارا تۈتۈنلەرنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقى كۆرۈلدى.

جۇستىنىيانو قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ يارىلانغانلارغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھەمراھ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى باياناتىدا، ئۇل-ئەسلىھەلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى خەۋەر بىلدۈرگەن ئىدى.

نۆۋەتتە پارتلاش سەۋەبى ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلاندى.

ۋىياچا شەھىرى بولىۋىيەنىڭ مەمۇرىي پايتەختى لا پازنىڭ (La Paz) تەخمىنەن 30 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، نوپۇسى 100 مىڭ ئەتراپىدا.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ