سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە شىمالىي كورېيە تەھدىتىگە قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى
مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سېئۇلدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، شىمالىي كورېيە ۋە خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە «مىسلى كۆرۈلمىگەن» دەرىجىدە ھەربىي كۈچ توپلاۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە شىمالىي كورېيە تەھدىتىگە قارشى  بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى
ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە شىمالىي كورېيە تەھدىتىگە قارشى ھاۋا مۇداپىئە بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى / Reuters

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتلىرىگە قارشى ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ 11-ئىيۇل كۈنى ھاۋا مۇداپىئە بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، شىمالىي كورېيەنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى زورايتىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھاۋا مۇداپىئە بىرلەشمە مانېۋىرىدا، ئامېرىكانىڭ «B-52H» تىپلىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى كورېيە يېرىم ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ، «B-52H» تىپلىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ 2025-يىلى رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ھېسابلىنىدىكەن.

يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھاۋا مۇداپىئە بىرلەشمە مانېۋىرى جەنۇبىي كورېيەنىڭ جېجۇ ئارىلىغا يېقىن خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مانېۋىرغا ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىدىن باشقا، جەنۇبىي كورېيەنىڭ «KF-16» ۋە ياپونىيەنىڭ «F-2» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ قاتناشقان.

18-ئىيۇندىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مانېۋىرلاردىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مانېۋىر،  جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى لى جائې-ميۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدىكى تۇنجى ھەربىي ھەرىكەت ھېسابلىنىدىكەن.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن:

«ئۈچ دۆلەت شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتلىرىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ۋە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن زىچ ھەمكارلىشىدۇ ھەمدە ئۈچ تەرەپلىك مانېۋىرلارنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ئۈچ دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي رەھبەرلىرىنىڭ سېئۇلدىكى يىغىنى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مانېۋىرلاردا، تەرەپلەر رايونلۇق خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۈچ تەرەپلىك خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.

ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال دان كائىن شىمالىي كورېيە ۋە خىتاينىڭ «مىسلى كۆرۈلمىگەن» دەرىجىدىكى ھەربىي كۈچ توپلىشىغا قارشى جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كائىن جەنۇبىي كورېيە باش ئىشتاب باشلىقى ئادمىرال كىم ميۇڭ-سۇ ۋە ياپونىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال يوشىھىدې يوشىدا بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

«ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىمىزنى قايتا تەرەققىي قىلدۇرۇش بولۇپ، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. شىمالىي كورېيە (دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى) ۋە خىتاي ئۆزلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ھەربىي كۈچ توپلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.»

سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تۇنجى قېتىملىق ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى، ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى كائىننىڭ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى باش ئىشتاب باشلىقى چارلېس ك. براۋننىڭ 2023-يىلى نويابىردىكى سېئۇل زىيارىتىدىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيەگە قىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.

يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈچ دۆلەت بۇلاردىن باشقا يەنە، كۆپ ساھەلىك ئۈچ تەرەپلىك «Freedom Edge» مانېۋىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان، شۇنداقلا شىمالىي كورېيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پائالىيەتلىرى ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى