تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە پاكىستاندا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق / TRT Global

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن پاكىستاننىڭ تۇربات شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«تۈنۈگۈن پاكىستاننىڭ تۇربات شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.

پاكىستاننىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى داۋاملىق قوللايمىز.»

پاكىستاننىڭ بېلۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ تۇربات شەھىرىدە تۈنۈگۈن بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا كەم دېگەندە 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 ى ئېغىر 32 كىشى يارىلانغانىدى.