سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئۇرۇشىدىن كىم پايدا ئالدى؟
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشى خىتاينىڭ توكلۇق يۈك ماشىنىسى سېتىلىش مىقدارىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئىران ئۇرۇشىدىن كىم پايدا ئالدى؟
ئېلېكتىرلىك يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى توسالغۇلار ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ۋە توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. / Reuters Archive

جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان يېقىلغۇ باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خىتاينىڭ توكلۇق يۈك ماشىنىلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا ئالدىرىماقتا.

خىتاينىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلغان توكلۇق يۈك ماشىنىلىرىنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشتى. ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشى سەۋەبىدىن يېقىلغۇ تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى رايوننىڭ ئېلېكترلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭمۇ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

خىتاينىڭ يېنىك تىپلىق ئاپتوموبىللاردىن تارتىپ چوڭ تىپلىق يۈك ماشىنىلىرىغىچە بولغان توكلۇق يۈك ماشىنىلىرىنى تېز سۈرئەتتە قوللىنىشى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل بازىرىنى توقۇنۇشنىڭ تەسىرىدىن قىسمەن قوغداپ قالدى. ئەمدى باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ قەدەمگە ئەگىشىشكە تىرىشماقتا.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرال (2026) ئۇرۇش باشلىغاندىن كېيىنكى تۆت ئاي ئىچىدە، خىتاينىڭ ئېغىر تىپلىق توكلۇق يۈك ماشىنىسى ئېكسپورتى ئۆتكەن يىل (2025) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسىدىن كۆپ ئېشىپ، 16 مىڭ 823 دانىگە يەتتى.

بۇنىڭ يېرىمى جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ئېكىسپورت بولۇپ، جەنۇبىي ئاسىياغا قىلىنغان ئېكسپورت بەش ھەسسىدىن كۆپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قىلىنغان ئېكسپورت بولسا، سېنتەبىرگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسىگە يېقىن ئاشقان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - ‘Rational and calculated’: Why Beijing is on the sidelines of the war engulfing Middle East

بازارلار خىتاينىڭ توكلۇق يۈك ماشىنىلىرىغا ئىشىك ئاچماقتا

«GlobalPetrolPrices.com »  نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا نېفىت جەھەتتە ئوتتۇرا شەرققە ئالاھىدە تايىنىدۇ، ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىۋېتىشى دىزېل باھاسىدا زور ئۆرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئەھۋال دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توكلۇق يۈك ماشىنىسى ئىشلەپچىقارغۇچى خىتاي ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ياراتتى.

ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان سىرى لانكادا دىزېل باھاسى %48، فىلىپپىندا %57 ئۆرلەپ كەتكەن، خىتايدا بولسا يېقىلغۇ باھاسى %15 ئۆرلىگەن.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېغىر تىپلىق توكلۇق يۈك ماشىنىسى ئىشلەپچىقارغۇچى «سانيى» (Sany) شىركىتىنىڭ خەلقئارا بازار ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جاۋتىڭ يۆ (Zhaoting Yue) رويتېرس ئاگېنتلىقىغا: «ئۇرۇش بۇ يېڭى بازارلارغا ئىشىك ئاچتى» دېدى.

گەرچە ئېكسپورت مىقدارى خىتاينىڭ ئاپتوموبىل ۋە موتوسىكلىت ئېكسپورتىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كىچىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملاشسا، دىزېل ئىستېمالى ۋە كاربون قويۇپ بېرىشنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىشى مۇمكىن.

خىتايدىكى توكلۇق يۈك ماشىنىلىرى 2021-يىلى نۆلگە يېقىن سەۋىيەدىن ئۆتكەن يىلى يۈك ماشىنىسى سېتىلىش مىقدارىنىڭ %30 ىگە يەتكەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 140 مىڭ دانە توكلۇق يۈك ماشىنىسى سېتىلغان. خىتايدا دىزېل ئىشلىتىش ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ تۆۋەنلەشكە باشلىغان.

يۆ فامىلىلىكنىڭ ئېيتىشىچە، سانيى ئىلگىرى ياۋروپاغا ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، ئەمدى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلىنىپ، تېخىمۇ ئەرزان تىپلىق ماشىنىلارنى تەتقىق قىلىپ ياسىماقتا ئىكەن. ئىيۇن ئېيى (2026) دا شىركەت 880 دانە ئېغىر تىپلىق يۈك ماشىنىسىدىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ زاكاسنى يولغا سالغان.

ئۇ: «يېقىلغۇ باھاسى ئۆرلەشتىن بۇرۇن، بۇ دۆلەتلەردىكى سېتىۋالغۇچىلار بىر ئېغىر تىپلىق توكلۇق يۈك ماشىنىسىغا سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن 28 ئاي ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر بولسا ئاران 18 ئاي كېتىدۇ» دېدى.

يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ

ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا توكلۇق مال يەتكۈزۈش ماشىنىلىرى بارغانسېرى ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئەمما چوڭ تىپلىق توكلۇق يۈك ماشىنىلىرىنىڭ كېڭىيىشى خېلىلا ئاستا بولماقتا. مەسىلەن، تېسلا (Tesla) شىركىتى بۇ يىل يۈك ماشىنىسىنى «تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش» نىشانىدىن ۋاز كەچتى.

ئېنېرگىيە ۋە پاكىز ھاۋا تەتقىقات مەركىزىنىڭ (CREA) مۆلچەرىچە، خىتاينىڭ توكلۇق يۈك ماشىنىلىرى دىزېل كۆيدۈرمەسلىك ئارقىلىق، بۇ يىل 141 مىليون ۋارىل نېفىت تېجەپ قالىدىكەن، بۇ خىتاينىڭ جەمئىي ئىمپورتىنىڭ %3 تىن كۆپرەكىگە باراۋەر كېلىدۇ.

توكلۇق يۈك ماشىنىلىرىنى قوللىنىشتىكى توسالغۇلار سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە توك قاچىلاش ئۇل-ئەسلىھەلىرىنىڭ كەمچىللىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىراق، ئاۋسترالىيەدىكى «New Energy Transport» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دانىيال بىلاكلىي (Daniel Bleakley) نىڭ ئېيتىشىچە، توكلۇق يۈك ماشىنىسى دىزېلغا قارىغاندا مەشغۇلات تەننەرخىنى %70 كېمەيتىدىغان بولغاچقا، يۇقىرى تەننەرخنى تېزلا قايتۇرۇۋالغىلى بولىدىكەن.

ئېنېرگىيە ۋە پاكىز ھاۋا تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى لائۇرى مىللىۋىرتا (Lauri Myllyvirta): «يېقىلغۇ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى كىشىلەرنىڭ زېھنىنى يىغىپ، كارخانىلارنى تېز ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار