سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ماركوس ئىسلامىي دەپنە قانۇنىنى ئىمزالىدى
فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ماركوس تەرىپىدىن ئىمزالانغان بۇ قانۇن، دوختۇرخانا ياكى دەپنە خىراجەتلىرى تۆلەنمىگەنلىكى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇسۇلماننىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان كىشى ياكى ئورگانلارنى جازالاشنى مەزمۇن قىلىدۇ.
فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ماركوس ئىسلامىي دەپنە قانۇنىنى ئىمزالىدى
Maintenance workers start cleaning the tombs of Muslims buried at the Manila Islamic Cemetery. Image: Rappler / Others

فىلىپپىن مەھەللىي تاراتقۇلىرى سەيشەنبە كۈنى پىرېزىدېنت فېردىناند ماركوس مۇسۇلمان فىلىپپىنلىقلارنىڭ ئىسلامىي ئەنئەنىلەرگە ئاساسەن توغرا ۋە تېز دەپنە قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر قانۇننى ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

Inquirer.Net  تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «فىلىپپىن ئىسلامىي دەپنە قانۇنى» 11-ئاپرېل ئىمزالىنىپ، دۈشەنبە كۈنى ھۆكۈمەت گېزىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يېڭى قانۇنغا ئاساسەن، ئۆلۈم ئىسپاتى بولمىسىمۇ، دەپنە مۇراسىمى ئىمكانقەدەر تېز ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت ئىكەن.

لېكىن، قانۇندا دەپنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ ياكى مەرھۇمنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۇغقىنىنىڭ 14 كۈن ئىچىدە ئۆلۈم ئەھۋالىنى يەرلىك سەھىيە خادىمىغا مەلۇم قىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكى، سەھىيە خادىمىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى دەلىللەپ، ئۆلۈم ئىسپاتىنى چىقىرىپ بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

قانۇندا: «ئىسلامىي قائىدىلەرگە ئۇيغۇن دەپنە قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ جەسىتى دوختۇرخانا، داۋالاش ئورنى، دەپنە مۇراسىمى ئورنى، جەسەتخانا، تۇتۇپ تۇرۇش ۋە تۈرمە ياكى جەسەتنى ئەمەلىي ئاسراش ياكى نازارەت قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسلەر تەرىپىدىن 24 سائەت ئىچىدە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان.

بۇنىڭدىن باشقا، قانۇندا دوختۇرخانا ياكى دەپنە خىراجەتلىرى تۆلەنمىگەنلىكى ياكى باشقا ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن مۇسۇلماننىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغانلارغا ئالتە ئايغىچە قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى، 50 مىڭدىن 100 مىڭغىچە فىلىپپىن پېسوسى (882 دوللاردىن 1764 دوللارغىچە) جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ياكى ھەر ئىككى جازانىڭ بىرلا ۋاقىتتا بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»