خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سېرگېي لاۋروۋنىڭ بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشى بېيجىڭنىڭ بۇ ھەپتە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىگە ئۇچرىغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىشىدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشتى.
خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ھەمدە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن خىتايدا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇۋاتقان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەن.
بېيجىڭ بۇ ھەپتە ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىگە ئۇچرىغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز، ئەبۇ زەبى تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن زايد ئال ناھيان ۋە ۋىيېتنام رەھبىرى تو لام قاتارلىقلار بار.
CCTV نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لاۋروۋ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە رۇسىيە ۋە خىتاينى «قورشاۋغا ئېلىش»قا قارىتىلغان بىر قاتار ئۇرۇنۇشلارنى تەنقىد قىلغاننىڭ ئەتىسى، بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.
رۇسىيەنىڭ دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى رىئا نوۋوستى (RIA Novosti) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لاۋروۋ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا: «ئۇلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنى قورشاۋغا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان تار كۆلەملىك، گۇرۇھۋازلىق ئاساسىدىكى قۇرۇلمىلارنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق (رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنى) يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا» دېگەن.