خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
كىم جوڭئۇن ئامېرىكانى يادرو قورالسىزلىنىش تەلىپىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى
كىم جوڭئۇن ئەگەر ئامېرىكا ھەقىقەتەنمۇ تىنچلىق ئاساسىدا بىللە ياشاشنى خالايدىغان بولسا، پيوڭياڭنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرماسلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب يوقلۇقىنى ئېيتتى.
كىم جوڭئۇن ئامېرىكانى يادرو قورالسىزلىنىش تەلىپىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى
كىم جۇڭئون يادرو قوراللىرى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھايات-ماماتلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. / AP Archive

شىمالىي كورېيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى — KCNA نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ۋاشىنگتون ئەگەر شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋېلىشىنى توختاتسا، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا ھېچقانداق سەۋەب يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

KCNA  نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىم جوڭئۇن يەكشەنبە كۈنى ئالىي خەلق قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن بولغان گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى ھېلىھەم ئۇنۇتمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىككى رەھبەر ترامپنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ئۈچ قېتىم ئۇچراشقان ئىدى.

كىم جوڭئۇن: «ئەگەر ئامېرىكا بىزنى يادرو قورالسىزلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بىمەنە خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، رېئاللىقنى قوبۇل قىلسا ھەمدە ھەقىقەتەنمۇ تىنچلىق ئاساسىدا بىللە ياشاشنى ئارزۇ قىلسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرماسلىقىمىز ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب يوق» دېگەن.

كىم جوڭئۇن ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە تەرىپىدىن كېلىۋاتقان ئېغىر تەھدىتلەر ئالدىدا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھايات-ماماتلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

كىم جوڭئۇن ۋاشىنگتون بىلەن سېئۇلنىڭ شىمالىي كورېيەنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ھاكىمىيىتىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي نىيىتى ئۆزگەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دىيالوگقا دائىر يېقىنقى تەكلىپلىرىنى سەمىمىيەتسىز دەپ قاراپ، رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇنىڭغا جەنۇبىي كورېيەنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىلانىنى باسقۇچلۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن.

تىنچلىق تەشەببۇسلىرى

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى لى جائې ميۇڭ ئىيۇن ئېيىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، پىيوڭياڭ بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، تىنچلىق تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە ئاخىرىدا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىلانىنى توختىتىش ئۈچۈن بىر قاتار قەدەملەرنى تەكلىپ قىلدى.

لى جائې ميۇڭ شىمالىي كورېيەنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت يارىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە ترامپنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلاردا ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەھلىلچىلەر كىم جوڭئۇننىڭ يادرو ھەرىكىتىنىڭ ۋاشىنگتوننى شىمالىي كورېيەنى يادرو كۈچى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاش ھەمدە ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە يول قويۇشلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كىم جوڭئۇن يەنە ئامېرىكانىڭ تەسىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە، ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرى رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق سودىلىشىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، سېئۇلدا يېرىم ئارالدىكى يادرو جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىشنى مەقسەت قىلغان كەلگۈسىدىكى تىرىشچانلىقلاردا سۆز قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىش ئەندىشىسى كۈچەيمەكتە. بۇ ئەندىشىلەر كىم جوڭئۇننىڭ ئۆتكەن يىلى شىمالىي كورېيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جەنۇبىي كورېيە بىلەن تىنچلىق ئاساسىدا بىرلىشىش نىشانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلىشى ۋە جەنۇبىي كورېيەنى مەڭگۈلۈك دۈشمەن سۈپىتىدە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى قايتا يېزىپ چىقىشقا بۇيرۇق قىلىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيدى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ