تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە موسساد ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر خۇسۇسىي رازۋېدچىكنى قولغا ئالدى
تۈركىيە خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇماندار ئىسرائىلىيەنىڭ موسساد تەشكىلاتىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە «توردا ھەرىكەت قىلىش مەركىزى»نىڭ ئەزاسى فايسال راشىد بىلەن ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيە موسساد ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر خۇسۇسىي رازۋېدچىكنى قولغا ئالدى
تۈركىيە موسساد ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر خۇسۇسىي رازۋېدچىكنى قولغا ئالدى / Others

تۈركىيە جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئورگىنى موسساد ئۈچۈن ئىشلىگەن دەپ ئەيىبلەنگەن بىر خۇسۇسىي رازۋېدچىكنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىگە، گۇماندار ئىستانبۇلدا تەپتىش ۋە ساقچى ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىلغان بىرلىشمە ھەرىكەت ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈلگەن.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT)، گۇماندارنىڭ ئىسمىنىڭ سەركان چىچەك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ «مېترون پائالىيىتى» ناملىق ھەرىكەت داۋامىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خەۋپسىزلىك ئەمەلدارلىرى چىچەكنىڭ موسساد ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «توردا ھەرىكەت قىلىش مەركىزى»نىڭ ئەزاسى فايسال راشىد بىلەن ئالاقىدە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، چىچەك راشىدنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە قارشى چىقىدىغان بىر پەلەستىنلىك پائالىيەتچىنى ئىستانبۇلدا ئىز قوغلاپ كۆزەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلى ئىسمى مۇھەممەت فاتىھ كەلەش بولغان چىچەك، ئېغىر قەرزگە بوغۇلغاندىن كېيىن ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن ۋە 2020-يىلى كەسپىي ھاياتىدىن ۋاز كېچىپ، «پاندورا رازۋېدكا شىركىتى» نامىدا خۇسۇسىي شىركەت قۇرغان.

چىچەكنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى سەۋەبلىك 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مۇسا قۇش ۋە ئاممىۋىي ئارخىپلاردىن رازۋېدچىكلارغا پايدا تېپىش مەقسىتىدە شەخسىي مەلۇماتلارنى ساتقان ئادۋوكات توغرۇلخان دىپ بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان.

گۇماندار خىزمەت ھەققىنى شىفىرلىق پۇل بىلەن ئالغان

مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر چىچەكنىڭ رازۋېدچىلىق ئىشىنى باشلىغاندىن كېيىن موسسادنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى بىلدۈردى. 31-ئىيۇل كۈنى راشىدنىڭ ئۇنىڭ بىلەن «ۋاتسئاپ» ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنى بىر چەت ئەل قانۇن شىركىتىنىڭ خادىمى دەپ تونۇشتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

راشىد چىچەككە ئىستانبۇلنىڭ باشاقشەھىر رايونىدا ياشايدىغان بىر پەلەستىنلىك پائالىيەتچىنى تۆت كۈن كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. چىچەكنىڭ بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن 1-ئاۋغۇست كۈنى 4000 دوللارنى شىفىرلىق پۇل تاپشۇرۇۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چىچەك نىشان قىلىنغان شەخسنىڭ ئىسمىنى توردا تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر پەلەستىنلىك پائالىيەتچى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئۇ گەرچە كەسىپدىشى قۇشنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بىلسىمۇ، بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلغان.

دائىرىلەر چىچەكنىڭ راشىد تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادرېسقا بارغان بولسىمۇ، نىشاننى تاپالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ 1- ۋە 2-ئاۋغۇست كۈنلىرى بىر تۇرالغۇنى ئىجارىگە ئېلىش باھانىسى بىلەن تۇرالغۇ بىناسىغا كىرىپ رازۋېدكا قىلغانلىقى، لېكىن موسساد تەلەپ قىلغان ئۇچۇرلارنى توپلىيالمىغانلىقى ئىپادىلەندى.

ئىگىلىنىشىچە، 3-ئاۋغۇست كۈنى ئىسرائىلىيەلىك جاسۇس راشىد چېچەك بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەن.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى