غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ھاماس: «غەززەدە ئىشغالىيەت ئاخىرلاشسا، قورال تاشلاشقا تەييارمىز» دېدى
پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى چېگرالارنى كۆزىتىش ۋە ئۇرۇش توختىتىشقا رىئايە قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋەزىپىسى بىلەن ب د ت قىسىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ھاماس: «غەززەدە ئىشغالىيەت ئاخىرلاشسا، قورال تاشلاشقا تەييارمىز» دېدى
ھاماس: «غەززەدە ئىشغالىيەت ئاخىرلاشسا، قورال تاشلاشقا تەييارمىز» دېدى / Reuters

ھاماس شەنبە كۈنى غەززەدىكى قوراللىرىنى رايوننى باشقۇرىدىغان بىر پەلەستىن ھاكىمىيىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ شەرتىنىڭ بولسا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ باش سۆھبەتچىسى ۋە غەززە مەسئۇلى خالىل ئەل-ھاييا بىر باياناتىدا: «قوراللىرىمىز ئىشغالىيەت ۋە تاجاۋۇزچىلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا باغلىق» دېدى.

«ئىشغالىيەت ئاخىرلاشسا، بۇ قوراللار دۆلەت ھاكىمىيىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

ھاييانىڭ ئىشخانىسى ئۆزىگە يۈزلەندۈرۈلگەن سوئالغا جاۋابەن، مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر پەلەستىن دۆلىتىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاييا يەنە: «غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشقا رىئايە قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە چېگرالارنى نازارەت قىلىش مەقسىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىسىملىرىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى قوبۇل قىلىمىز» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye's FM says Ankara working to advance Gaza peace plan 'as soon as possible'
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنىسكىي دۇبلىندا كۆرۈشتى
خىتاي: ئامېرىكا جاسۇسلۇق ھەققىدىكى دەۋالارنى تېخنىكا چەكلىمىلىرىگە باھانە قىلىۋاتىدۇ
ئامېرىكا ۋە خىتاي رۇسىيە سۆھبىتىدە يادرو قورالسىزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
تۈركىيەلىك سەنئەتكارلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
غەززەدە ناسىر دوختۇرخانىسى ۋەھشىيانە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ئىلگىرىلەش ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق
كونگودا ئېبولا يۇقۇمى سەۋەبىدىن 6 ئاي ئىچىدە 5 مىڭ كىشى قازا قىلدى
پاكىستاندا ساقچى ئەترىتىگە قوراللىق پىستىرما ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە 6 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
ئەنگلىيەلىكلەر: ئىسىرائىلىيە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت
ئەبۇزەبى سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى
تۈركىيە قىبرىس سۆھبەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنى قارشى ئالدى
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنى قارشى ئالدى