خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپنىڭ نېفىت ئېمبارگوسى كۇبا مىقياسىدا يېقىلغۇ كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
ۋاشىنگتوننىڭ كۇباغا نېفىت تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى سەۋەبىدىن بېنزىن پونكىتلىرىدا ئۇزۇن ئۆچرەتلەر شەكىللەندى.
ترامپنىڭ نېفىت ئېمبارگوسى كۇبا مىقياسىدا يېقىلغۇ كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
ترامپنىڭ نېفىت ئېمبارگوسى كۇبا مىقياسىدا يېقىلغۇ كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى / AP

دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان نېفىتكە مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەدبىرلەردىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئارالنىڭ ئاللىبۇرۇن قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىقتىسادىغا بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى كۇبا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلىشى بىلەن بىرگە، پايتەخت مىقياسىدا كۇبالىقلار يېقىلغۇ سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچرەتلەرنى شەكىللەندۈردى.

ترامپنىڭ كۇباغا نېفىت تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەرگە قارىتا ئېمبارگو خاراكتېرلىك تاموژنا بېجىنى تەستىقلىشىدىن بىر قانچە سائەت كېيىن، ھاۋانادىكى يېقىلغۇ پونكىتلىرىدا ئۇزۇن ئۆچرەتلەر شەكىللەندى.

ھاۋانا ھۆكۈمىتى ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق پەرمانىنى، كۈنىگە 20 سائەتكىچە يېتىدىغان توك ئۈزۈلۈشلىرىدىن سىرت، يېقىلغۇ، دورا ۋە يېمەكلىك قىسلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈش ئۇرۇنۇشى دەپ سۈپەتلىدى.

ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر قارار كۇبانىڭ سودا شېرىكلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بىلەن سودا قىلىش ياكى 11 مىليون نوپۇسلۇق بىر ئارال دۆلىتىنى تاللاش ئوتتۇرىسىدا تەرپ تاللاشقا مەجبۇرلىغان.

كۇبا پىرېزىدېنتى مىگۇئېل دىئاز-كانېل: «فاشىست، جىنايەتچى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقچى» دەپ تەسۋىرلىگەن ئامېرىكا قۇرۇلمىسىنىڭ دۆلەتنى «نەپەس ئالغۇدەكمۇ ئىمكانىيەتتىم مەھرۇم قىلىشقا» ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كۇبا ئىقتىسادى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ۋېنېزۇئېلادىن تەمىنلىنىدىغان ئەرزان نېفىتكە تايىنىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بۇ تەمىنات، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرونىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدائامېرىكا تەرىپىدىن قاچۇرۇلۇشىدىن كېيىن ئازايغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump to impose tariffs on countries supplying oil to Cuba

«ئىنسانىي كرىزىس»

ترامپ ۋە كۇبا نەسلىدىن بولغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ھاۋانادا تۈزۈم ئۆزگەرتىش چاقىرىقلىرىنى ئوچۇق-اشكارە تىلغا ئالغان ئىدى.

ۋېنېزۇئېلادىكى ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ترامپ كۇباغا «بالدۇرراق كېلىشىم تۈزۈش» چاقىرىقىدا بولۇپ، «كۇبا ئۈچۈن ئەمدى نېفىتمۇ، پۇلمۇ يوق، نۆل!» دېگەن ئىدى.

پەرماندا كۇبا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن «ئالاھىدە تەھدىت» دەپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ دۈشمەن دۆلەتلەر ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2025-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان كارىب دېڭىزىدا ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېڭىز كۈچلىرىنى رايوندا تۇتماقتا.

بۇ قەدەم كۇباغا يەنىلا نېفىت تەمىنلەۋاتقان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان مېكسىكا ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلدى.

مېكسىكا پىرېزىدېنتى كلاۋدىيە شېينباۋم تاموژنا بېجىنىڭ دوختۇرخانىلارنى ۋە يېمەكلىك تەمىناتىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدىغان «كەڭ كۆلەملىك ئىنسانىي كرىزىسنى» قوزغىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ۋېنېزۇئېلا ۋە خىتاي بولسا ۋاشىنگتوننىڭ تەدبىرلىرىنى تەنقىد قىلىپ، كۇبا بىلەن ھەمدەم بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى، ئەمما ئەمەلىي بىر ياردەم ئېلان قىلمىدى.

ئىزدىنىڭ
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەر 1500 دىن ئاشتى
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 860 مىليون ياۋرو مۇداپىئە ياردىمى بەردى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى