خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيەنىڭ شەرقىي دېڭىز (ياپون دېڭىزى) تەرەپكە قارىتىپ بىر نەچچە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
(ئارخىپ) شىمالىي كورىيە شەرقىي دېڭىز يۆنىلىشىگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى

يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورېيە باش ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيە ئاتقان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ دېڭىزغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى 900 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، دەسلەپكى بايقاشلارنىڭ بۇ ھەرىكەتنىڭ سېئۇل ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىدە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان گىپېرسونىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سىناق قىلىشىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ۋە ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى قەستەن نامايان قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بومبىلارنىڭ گىپېرسونىك ياكى ئوتتۇرا مۇساپىلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ تەھلىل ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق شىمالىي كورېيەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ياپونىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا خىلاپ بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ھەرىكەتلىرىنى «قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى»نى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتى

ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىمۇ بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-ئۆكتەبىردە ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى. بىز بۇنىڭدىن خەۋەردار، ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن زىچ ئالاقىلىشىۋاتىمىز» دېدى.

باياناتتا، بۇ بومبىلارنىڭ ئامېرىكا خادىملىرى ياكى ئىتتىپاقداشلىرىغا دەرھال تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقى قەيت قىلىنىپ: «ئامېرىكا ئۆز زېمىنى ۋە رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

شىمالىي كورېيە 3-ئۆكتەبىردىمۇ شەرقىي دېڭىز تەرەپكە بىر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانىدى. شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن دۆلىتىنىڭ «گىپېرسونىك ئىستراتېگىيەلىك قورال سىستېمىسى» دائىرىسىدىكى ئوتتۇرا مۇساپىلىق ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا نازارەتچىلىك قىلغانىدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى لى جەميۇڭ 1-ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا، شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان ھەربىي جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ ئورنىتىش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى داۋاملىق تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
تۇفان ئەرھۈرمان قىبرىس رۇم رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
كۇبا نېفىت ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش ئۈچۈن كونا قانۇنلارنى بىكار قىلدى
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى