ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا قوراللىقلار تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىغا ھۇجۇم قىلدى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالدىكى خەيبەر پاختونخوا ئۆلكىسىنىڭ لاككى مارۋات رايونىدا قوراللىقلار تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىغا ھۇجۇم قىلدى.
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا قوراللىقلار تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىغا ھۇجۇم قىلدى
/ Reuters

پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالدىكى خەيبەر پاختونخوا ئۆلكىسىنىڭ لاككى مارۋات رايونىدا قوراللىقلارنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى پارتلىتىشى نەتىجىسىدە پەنجاپ ئۆلكىسىنى تەبىئىي گاز  بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى توختاپ قالدى.

ساقچى دائىرىلىرى تېررورچىلارنىڭ پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى چوڭ تىپتىكى بىر تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى پارتلىتىۋېتىشى نەتىجىسىدە، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلكىسى بولغان پەنجاپنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئامىر خان تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا، يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قاتار ئوخشاش تىپتىكى پارتلاش ۋەقەلىرىنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولغان بۇ ھۇجۇمنىڭ، چارشەنبە كۈنى غەربىي شىمالدىكى خەيبەر پاختونخوا ئۆلكىسىنىڭ لاككى مارۋات رايونىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتچى ئامىر خان تېررورچىلارنىڭ تۇرۇبا يولىغا ئورۇنلاشتۇرغان پارتلاتقۇچ دورىلارنى پارتلاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە پەنجاپنىڭ مىيانۋالى رايونىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ، مەزكۇر رايوندا يېقىنقى ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن تۆتىنچى قېتىملىق ھۇجۇم ھېسابلىنىدىكەن.

پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Militant attacks in northwestern Pakistan claim lives of 8, including security personnel

لېكىن، پاكىستان ئارمىيەسى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىش بىلەن تونۇلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پاكىستان تالىبانى (TTP) نى ئەيىبلىمەكتە.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى جىنايەتچىلەرنى تېپىش ئۈچۈن رايوندا ئاختۇرۇش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى.

لاككى مارۋات رايونى ئۇزۇندىن بۇيان تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىقنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلمەكتە.

پاكىستان تالىبانى بولسا، بولۇپمۇ ساقچىلارنى ئاساس قىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قاراتقان كۆپلىگەن ھۇجۇملىرى بىلەن تونۇلماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى