تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى ئەل ناھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
سۆھبەتتەتۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى ئەل ناھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى ئەل ناھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى / AA

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا، ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى شەيخ مۇھەممەد بىن زايد ئەل ناھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئەردوغان ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش مۇساپىسىدە رايوندا كۆرۈلۈۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغانلىقىنى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى تولۇق قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يۈز بەرگەن زىيانلار سەۋەبىدىن ھال سورىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، رايوننىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ دىئالوگ ۋە ھەمكارلىقنىڭ زۆرۈرلىكىنى بايان قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ