خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيە ترامپنىڭ تەنقىدلىرىدىن كېيىن گىرېنلاندىيەدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ترامپ دانىيەنىڭ گىرېنلاندىيەنى خىتاي ۋە رۇسىيە تەرەپتىن كېلىدىغان تەھدىتلەردىن قوغداش قۇدرىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
فىرانسىيە ترامپنىڭ تەنقىدلىرىدىن كېيىن گىرېنلاندىيەدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
دانىيە ۋە ئامېرىكا ئىلگىرىلەش يوللىرىنى تېپىش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا كېلىشتى. / AP
2026-يىلى1-ئاينىڭ15-كۈنى

فىرانسىيە دانىيە ۋە باشقا بىر قانچە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغان «سوغۇق ھاۋا» بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گىرېنلاندىيەگە قىسىم ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولسا گىرېنلاندىيەنى رۇسىيە ۋە خىتايدىن قوغداش مەسىلىسىدە دانىيەگە ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

«لې موندې» (Le Monde) گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، فىرانسىيە قوراللىق قىسىملار مىنىستىرلىقى بۇ ۋەزىپىگە تاغلىق رايون جەڭگىۋار قىسىملىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىسىملارنىڭ سانى ۋە ۋەزىپە دائىرىسىگە ئائىت تەپسىلاتلار پەيشەنبە كۈنى فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئىسترېس (Istres) ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا، پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكروننىڭ قوراللىق قىسىملارغا قىلىدىغان يىللىق نۇتقى جەريانىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى دانىيە «مانېۋىر پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار ھەربىي ئىمكانىيەت ۋە قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بۈگۈندىن باشلاپ گىرېنلاندىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىدىغانلىقى»نى ئېلان قىلغان ئىدى. شىۋېتسىيە پادىشاھلىقىمۇ رايونغا ئوفىتسېرلارنى ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە بۇ ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، گېرمانىيە دانىيەنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن باشقا ياۋروپالىق شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە، پەيشەنبە كۈنىدىن شەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بىر «چارلاش ۋەزىپىسى» دائىرىسىدە گىرېنلاندىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ترامپ: دانىيە رۇسىيە ۋە خىتايغا تاقابىل تۇرالمايدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ گىرېنلاندىيەنىڭ رۇسىيە ۋە خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە قارشى «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا» بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ترامپ ئاقسرايدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «دانىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىشەنمەيمەن. ئۇلار بۇ ھەقتە پاراڭلىشىۋاتىدۇ، ئۇ يەرگە ئارتۇقچە بىر ھەربىي ئەترەت قويۇپتۇ. ئۆتكەن ئايدا ئىككىنچى بىر ھەربىي ئەترىتىنى ئەۋەتىپتۇ، لېكىن بۇ ھېچقانداق كارغا كەلمەيدۇ. دۆلەت بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن گىرېنلاندىيەگە ئېھتىياجىمىز بار، بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر بىز كىرمىسەك رۇسىيە كىرىدۇ، خىتاي كىرىدۇ. دانىيە بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلالمايدۇ، ئەمما بىز ھەممە ئىشنى قىلالايمىز.»

مەزكۇر باياناتلار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جېي دى ۋانس  ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېن ۋە گىرېنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىۋىيان موتزفېلدتنىڭ ئاقسرايدىكى سۆھبىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

راسمۇسسېن سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە مۇۋەپپەق بولالمىدۇق. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتىنىڭ گىرېنلاندىيە ئۈستىدە بىر بويسۇندۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقى ئاشكارا. بىز بۇنىڭ پادىشاھلىقنىڭ (دانىيەنىڭ) مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىنتايىن ئېنىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدۇق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

راسمۇسسېن دانىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەل قىلىش يولى تېپىش مەقسىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان