ئەردوغان ۋە ترامپ: غەززە يىغىنى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
ترامپ مۇسۇلمان رەھبەرلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ «ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى» نى، ئەردوغان بولسا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىرلەشمە خىتابنامەنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ۋە بىر قانچە مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىرلىكتە غەززە يىغىنى ئۆتكۈزدى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە مۇسۇلمان رەھبەرلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن غەززە يىغىنىنى «ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ھەم ئىجابىي بولدى» دېدى ۋە يىغىن نەتىجىسىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەردوغان نىيۇ يوركتىكى تۈرك ئۆيى مەركىزىنىڭ ئالدىدا، مۇخبىرلارغا: «بىز ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ھەم ئىجابىي يىغىننى ئاخىرلاشتۇردۇق. مەن بۇنىڭدىن خۇشال، خەيرىلىك بولسۇن» دېدى.
ئىككى رەھبەر ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن 80-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشتى.
«ترامپ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ باشلىقلار ئۇچرىشىشى، تىنچلىق ۋە پۇقرالارنى قوغداش يولىدا ئەمەلىي قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىغا يول ئاچامدۇ» دېگەن سوئالغا، ئەردوغان: «قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىرلەشمە خىتابنامە ئېلان قىلىنىدۇ. ھۆرمەتلىك ترامپ ۋە ھۆرمەتلىك تەمىم (قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامېد ئەل سانى) ئېلان قىلىدىغان باياناتلار بىلەن، بۇ ئاخشامقى يىغىننىڭ خىتابنامەسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.
ئورتاق نىشان
ترامپ مۇخبىرلارغا يىغىننىڭ «ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى» نى ئېيتىپ، مۇھىم مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ قاتناشقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ترامپ مۇنداق دېدى: «بىز غەززە توغرىسىدا ئىنتايىن ياخشى يىغىن ئۆتكۈزدۇق. ئىسىرائىلىيەدىن باشقا بارلىق مۇھىم دۆلەتلەر قاتناشقان ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك يىغىن بولدى. ئەمدى ئىسىرائىلىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن بار. غەززە مەسىلىسىگە ھەل قىلىش چارەسى تاپالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. چوڭ رەھبەرلەر بىلەن ئىنتايىن ياخشى بىر يىغىن ئۆتكۈزدۇق» دېدى.
ئەمەلدارلار يېپىق شەكىلدە ئېچىلغان يىغىنىنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا باشقا ئۇچۇر بەرمىدى.
ئەردوغان يىغىننىڭ پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە رايون ئاكتىيورلىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىنىڭ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ترامپ ئۆز نۆۋىتىدە، كېيىنكى باسقۇچلۇق يىغىنلارغا ئىسرائىلىيەنىمۇ قاتناشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.