تۈركىيە ئىسپانىيە بىلەن 2:2 تەڭلىشىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش باسقۇچىغا ئۆرلىدى

تۈركىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ئىسپانىيە بىلەن 2 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ، 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىلىرى باسقۇچىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتتى.

By
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى قوشۇمچە تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شۋېتسىيە، رۇمىنىيە، شىمالىي ماكېدونىيە ياكى شىمالىي ئىرېلاندىيە بىلەن ئۇچرىشىدۇ. / AP

تۈركىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ئىسپانىيە بىلەن 2 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ، 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىلىرى باسقۇچىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتتى. بۇ نەتىجە بىلەن تۈركىيە E گۇرۇپپىسىنى ئىككىنچى ئورۇندا تاماملىدى. ئىسپانىيە بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

سېۋىللادىكى لا كارتۇجا تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ جىددىي مۇسابىقىدە، ئىسپانىيە 4-مىنۇتتا دانى ئولمونىڭ كىرگۈزگەن توپى بىلەن ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. تۈركىيە بولسا 42-مىنۇتتا دەنىز گۈلنىڭ توپى بىلەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. ئىككىنچى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، تۈركىيە 54-مىنۇتتا سالىھ ئۆزجاننىڭ يىراق ئارىلىقتىن ئۇرغان كۈچلۈك توپى بىلەن ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن ئىسپانىيە 62-مىنۇتتا مىكېل ئويارزابال بىلەن نەتىجىنى قايتىدىن تەڭلەشتۈرۈپ، مۇسابىقە 2 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.

تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ بۇ مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن ئىككى توپى، ئىسپانىيەنىڭ تاللاش مۇسابىقىلىرىدە تۇنجى قېتىم ئۆز دەرۋازىسىدىن ئىككى توپ يېيىشى بولۇپ قالدى. شۇنداقلا، بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىسپانىيەنىڭ تاللاش مۇسابىقىلىرىدە تۇنجى قېتىم تەڭلىشىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى.

ئالدىمىزدىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ شاللاش مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە شىۋېتسىيە، رومىنىيە، شىمالىي ماكېدونىيە ياكى شىمالىي ئىرېلاندىيە كوماندىلىرىنىڭ بىرى بىلەن كۈچ سىنىشىدۇ.