گاز قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىن سىرت، ئۇرۇشلار ۋە پۇل پاخاللىقى قاتارلىق دۇنياۋى قىيىنچىلىقلار كىلىمات پائالىيەتلىرىگە كۆلەڭگە چۈشۈرۈش خەۋپىنى تۇغدۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، 200 گە يېقىن دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى COP31 كىلىمات باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئانتاليا شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولدى.
دۇنيا رەھبەرلىرى، ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈن ئاپەتلىرى، قاتتىق ئىسسىق دولقۇنلىرى ۋە باشقا كىلىمات مەنبەلىك ئاپەتلەر كۆپ يۈز بەرگەن بىر يىلنى ئارقىدا قالدۇرغاندىن كېيىن، يەر شارى خاراكتېرلىك تېمپېراتۇرا ئۆرلىشىنى تىزگىنلەيدىغان ئەمەلىي قەدەملەرنى تاشلاش مەسىلىسىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە چارشەنبە كۈنى رەسمىي سۆھبەتلەرنى باشلىدى.
سۆھبەت ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا ئېلېكتىرنىڭ ئۈلۈشىنى ئاشۇرىدىغان ۋە كونا قېزىلمىلار، يەنى تاشقاندۇق يېقىلغۇلاردىن يىراقلىشىش باسقۇچىدىكى كۈرەشنى قايتىدىن جانلاندۇرىدىغان بىر پىلان لايىھەسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقتا.
يىغىندا سۆز قىلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان ئەربابلار ئارىسىدا ئۆتكەن يىللىق يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلغان ۋە ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا قايتا سايلانغان بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇئىز ئىناسىيو لۇلا دا سىلۋا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، خىتاي دۆلەت رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى خەن جېڭ ۋە مارشال ئاراللىرى پىرېزىدېنتى خىلدا خېينې بار.
ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەمدە سابىق پىرېزىدېنتنىڭ كىلىمات ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى جون كېررى: «بىزگە قۇرۇق گەپ ئەمەس، ئەمەلىي پىلان كېرەك» دېدى.
ئۇرۇش ۋەزىيىتى بېنزىن، نېفىت ۋە ئوغۇت ياكى دېھقانچىلىق دورىلىرى قاتارلىق نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنياۋى باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئېنېرگىيە سىياسەتلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە، شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىگە ئوخشىغان قايتا ھاسىل بولىدىغان بايلىقلارغا مەبلەغ سېلىشقا يۈزلەندۈردى.
COP31 نىڭ رەئىسى، تۈركىيە مۇھىت، شەھەرلەشتۈرۈش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم، يىغىننىڭ كىلىمات تەدبىرلىرى كۈنتەرتىپىنىڭ 2035-يىلىغىچە گاز قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى % 25 تىن % 30 كىچە ئازايتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. قۇرۇم، كىلىمات مەجبۇرىيەتلىرى تولۇق ئادا قىلىنمىغان تەقدىردە پۈتۈن دۇنيادا كەلكۈن، ئورمان ئوت ئاپەتلىرى ۋە بوران-چاپقۇن قاتارلىق ئېغىر ھاۋارايى ھادىسىلىرىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
مەبلەغ ئاجرىتىش تېمىسىدا توختالغان ئافرىقا مۇزاكىرە ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلى ئانتۋى-بواسياكو ئاموئاھ، ئانتاليادىكى بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، باي دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشلار ياكى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر كېچىدىلا مەبلەغ تاپالايدىغانلىقىنى، ئەمما كىلىمات ھەرىكىتىگە كەلگەندە ئوخشاش تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەيۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى كىلىمات فوندى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئاموئاھ: «بىزنىڭ چۈشەنگىنىمىزچە، پۇل بار، بىراق كىلىماتقا كەلگەندە پۇل يوق بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ پەرق، چۈنكى ئۇلار ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن بىر كېچىدىلا پۇل تاپالايدۇ» دېدى.






















