خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران خامەنېينىڭ ئوغلى مۇجتەبانى يېڭى دىنىي رەھبەر قىلىپ تەيىنلىدى
ئىراننىڭ بۇ قارارى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يېڭى رەھبەرنىڭ ۋاشىنگتون تەرىپىدىن تەستىقلانمىغان تەقدىردە «ئۇزۇن مۇددەت ۋەزىپە ئۆتىيەلمەيدىغانلىقى» نى ئېيتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.
ئىران خامەنېينىڭ ئوغلى مۇجتەبانى يېڭى دىنىي رەھبەر قىلىپ تەيىنلىدى
ئىران ھامەنىنىڭ ئوغلى مۇجتەبانى يېڭى دىنىي رەھبەر قىلىپ تەيىنلىدى / AP

ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشى (Uzmanlar Meclisi) مۇجتەبا ھامەنىنى دادىسى ئەلى ھامەنىنىڭ ئورنىغا دۆلەتنىڭ يېڭى دىنىي رەھبىرى قىلىپ تەيىنلىدى.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك دىنىي زات ئىكەنلىكى بىلىنىدىغان مۇجتەبا خامەنېي، ئۇزۇندىن بۇيان ئىران ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى بەزى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن دادىسىنىڭ ئىزباسارى سۈپىتىدە كۆرۈلۈپ كېلىۋاتاتتى.

ئىراننىڭ ھاكىمىيەت ئىدېئولوگىيەسى تەختنىڭ دادىدىن ئوغۇلغا قېلىشىغا قارشى تۇرسىمۇ، ئەمما مۇجتەبا خامەنېي ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارىسىدا ۋە ۋاپات بولغان دادىسىنىڭ يەنىلا تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىشخانىسىدا كۈچلۈك قوللاشقا ئىگە.

مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشى ئېلان قىلغان باياناتىدا، 56 ياشلىق مۇجتەبا خامەنېينىڭ «كېڭەشنىڭ ھۆرمەتلىك ۋەكىللىرىنىڭ قەتئىي ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى مۇقەددەس سىستېمىسىنىڭ ئۈچىنچى رەھبىرى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكى ۋە تونۇشتۇرۇلغانلىقى» نى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە، دىنىي زاتلار كېڭىشىنىڭ «جىنايەتچى ئامېرىكا ۋە رەزىل سىئونىست ھاكىمىيىتىنىڭ رەھىمسىز تاجاۋۇزچىلىقىغا» قارىماي، يېڭى بىر رەھبەرنى تاللاشتا «بىر مىنۇتمۇ ئىككىلەنمىگەنلىكى» تىلغا ئېلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran’s next leader will not 'last long' without US approval: Trump

جەڭ ئېلان قىلىش

بۇ قارار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىلگىرى مۇجتەبانى «ئەھمىيەتسىز» دەپ ئاتىغانلىقى ۋە ئىراننى كىمنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىغا ئۆزىنىڭمۇ قارار بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ترامپ بۇ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ABC News تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا: «بىزدىن تەستىق ئالمىسا، ئۇزۇن ۋاقىت ۋەزىپە ئۆتىيەلمەيدۇ،» دېگەن ئىدى.

ئىران دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ كاتىپى ئەلى لارىجانى مۇجتەبانىڭ دۆلەتنى نۆۋەتتىكى خەتەرلىك شارائىتتا باشقۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يېڭى دىنىي رەھبەر ئەتراپىدا ئۇيۇشۇشقا چاقىردى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىمۇ يېڭى دىنىي رەھبەرگە ئەگىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈ بەردى
كامبودژادا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي سوتنىڭ ھۆكمىنى چىقاردى
رىزائى ترامپنى ئىراننىڭ 7 تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى
فىرانسىيە تاللا بازارلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا ئىراننى ئەيىبلىدى
ترامپ ھازىرچە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا بۈيۈك رەھبەر ئاتاتۈرك ئۈچۈن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەردوغان: ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالماقچى بولغانلار خەلقلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى نەزەرگە ئالمىدى
خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتتى
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
رۇبىيو: ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىمالدىن يىراق
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
ئارگېنتىنادا پاپا 14-لېئونى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كىشى تۇتقۇن قىلىندى
فىرانسىيە: ياۋروپامۇ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ