مەدەنىيەت
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەدىكى مۇزېيلارنىڭ سانى 2025-يىلى %4.4 ئېشىپ 664 كە يەتتى
تۈركىيە بويىچە مۇزېيلارنىڭ سانى 2025-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %4.4 ئېشىپ 664 كە، مۇزېي ۋە تارىخىي خارابىلىك ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلغانلارنىڭ سانى بولسا %6.8 ئېشىپ، 65 مىليون 862 مىڭ 639 غا يەتتى.
تۈركىيەدىكى مۇزېيلارنىڭ سانى 2025-يىلى %4.4 ئېشىپ 664 كە يەتتى
ئانادولۇ مەدەنىيەتلىرى مۇزېيى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (TÜİK) 2025-يىللىق «مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىستاتىستىكىسى»نى ئېلان قىلدى.

ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، تۈركىيە بويىچە مۇزېيلارنىڭ سانى 2025-يىلى 2024-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %4.4 ئېشىپ 664 كە يەتكەن. بۇ مۇزېيلارنىڭ 220 سى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىغا، 18 ى مىللىي سارايلار ئىدارىسىگە قاراشلىق بولۇپ، 426 سى خۇسۇسىي مۇزېي قاتارىغا كىرگەن. تارىخىي خارابىلىك ئورۇنلىرىنىڭ سانى بولسا 148 بولغان.

مۇزېيلاردىكى ئەسەرلەرنىڭ سانى 2025-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %0.4 ئېشىپ، 4 مىليون 12 مىڭ 294 كە يەتكەن.

مۇزېي ۋە تارىخىي خارابىلىك ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %6.8 ئېشىپ، 65 مىليون 862 مىڭ 639 غا يەتكەن. زىيارەتچىلەرنىڭ %52.9 ى مىنىستىرلىققا قاراشلىق مۇزېي ۋە تارىخىي خارابىلىك ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلغان.

قوغدىلىدىغان تارىخىي يادىكارلىق رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 2025-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %6 ئېشىپ، 27 مىڭ 703 كە يەتكەن. بۇ رايونلارنىڭ %97.1 ىنى ئارخېئولوگىيەلىك رايونلار تەشكىل قىلغان.

دۆلەتلىك باغچىلارنىڭ سانى 2025-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %2 ئېشىپ 50 كە، ئومۇمىي كۆلىمى بولسا %3.2 ئېشىپ، 942 مىڭ 286 گېكتارغا يەتكەن.

تەبىئەت باغچىلىرىنىڭ سانى %2.2 ئېشىپ 274 كە، ئومۇمىي كۆلىمى بولسا %0.2 ئېشىپ، 94 مىڭ 294 گېكتارغا يەتكەن.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى