خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندونېزىيە غەززەگە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
پىرېزىدېنت پرابوۋو سۇبىيانتو نۇرغۇن دۆلەت پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
ھىندونېزىيە غەززەگە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ھىندونېزىيە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە غەززەگە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى / AFP

ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى پرابوۋو سۇبىيانتو ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، دۆلىتىنىڭ غەززەگە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان چىدىغۇسىز پاجىئەنى ياد ئەتكەندە، ئىچىمىز قان يىغلايدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان مىڭلىغان بىگۇناھ ئىنسان قەتلى قىلىندى؛ قەھەتچىلىك ۋە ۋەيرانچىلىق يۈز بەردى. كۆز ئالدىمىزدا بىر ئىنسانىي ئاپەت يۈز بېرىۋاتىدۇ. بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەيمىز».

سۇبىيانتو ھىندونېزىيەنىڭ توقۇنۇشنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا قاتنىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «بىز تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى بىلەن تەمىنلەشكە ھازىرمىز» دەپ، دۆلىتىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانىغا بولغان ساداقىتىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە ھىندونېزىيەنىڭ ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ۋەكىللەرگە خىتاب قىلىپ: «ھىندونېزىيە ئىسرائىلىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ۋە پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھامان ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى دەرھال ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بارلىق كاپالەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ» دېدى.

پرابوۋو ھىندونېزىيەنىڭ مەيدانىنىڭ ئوچۇق ۋە ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە: «بىز پەلەستىن مەسىلىسىگە دائىر ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانىغا بولغان ساداقىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلىپ، «كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي ئاپەت» نى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلاردا بىرلىشىشكە چاقىردى.

ئېتىراپ قىلىش ۋەزىيىتى كۈچەيمەكتە

بۇ ۋەدە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 80-نۆۋەتلىك يىغىنىدا پەلەستىننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا قارىتا ۋەزىيەت كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە بېرىلدى.

بىر كۈن ئىلگىرى ئەنگلىيە ئاۋسترالىيە ۋە كاناداغا قوشۇلۇپ، پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. بۇ قەدەملەر ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كەسكىن نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېيىر ستارمېر يەكشەنبە كۈنى ھەمبەھرىلىگەن بىر سىنلىق باياناتىدا بۇ قارارنى ئاقلىدى. ئۇ: «بۇ ھاماس ئۈچۈن بىر مۇكاپات ئەمەس» دەپ، ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيە، بېلگىيە، مالتا ۋە لىيۇكسېمبۇرگ قاتارلىق باشقا بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ يېقىنقى كۈنلەردە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇ قەدەملەرنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئونلىغان يىللاردىن بۇيانقى ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسەتتى.

ئىزدىنىڭ
تىبەتتە 7 بال يەر تەۋرەپ، 16 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى