ترامپ گىرېنلاندىيەدىكى «رۇسىيە تەھدىتى» گە تاقابىل تۇرۇشقا ۋەدە بەردى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ناتونىڭ دانىيەنى ئۇدا 20 يىلدىن بۇيان ئاركتىكادىكى بىخەتەرلىك خەۋپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوننىڭ گىرېنلاندىيەدىكى «رۇسىيە تەھدىتى» نى يوقىتىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ترامپ ئۆزىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە: «ناتو دانىيەگە ئۇدا 20 يىلدىن بۇيان <رۇسىيە تەھدىتىنى گىرېنلاندىيەدىن يىراقلاشتۇرۇشۇڭلار كېرەك> دەپ كېلىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، دانىيە بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلالىغىنى يوق، ئەمدى ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ ۋاقتى كەلدى ۋە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈلىدۇ!» دېدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرمىدى.
ترامپ كۆپ قېتىم دانىيەگە قاراشلىق ئاپتونوم رايون بولغان گىرېنلاندىيەنى قولغا كەلتۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق نەتىجىگە رازى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ھەم دانىيە ھەم گىرېنلاندىيە رەھبەرلىرى ئارالنىڭ سېتىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكرارلاپ كەلدى.
ترامپ يەكشەنبە كۈنى ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، گىرېنلاندىيە ۋە ئاركتىكادىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. رۇتتې «بۇ مەسىلە ئۈستىدە داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقلىرىنى» ئېيتتى ۋە «بۇ ھەپتە ئىچىدە ترامپنى داۋوستا كۆرۈشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن» دېدى.
گىرېنلاندىيە ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە مول مىنېرال بايلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە؛ شۇنداقلا رايوندا كۆپەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن رۇسىيە ۋە خىتاي پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئەندىشىلەرمۇ مەۋجۇت.
يېڭى بىر قەدەم سۈپىتىدە ترامپ شەنبە كۈنى ۋاشىنگتوننىڭ 1-فېۋرالدىن باشلاپ دانىيە، نورۋېگىيە، شېۋېتسىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە فىنلاندىيەدىن ئىبارەت ياۋروپادىكى سەككىز دۆلەتتىن كېلىدىغان ماللاردىن %10 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى، ئىيۇنغىچە بۇنىڭ %25 كە ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى؛ بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكانىۇڭ گىرېنلاندىيەنى كونترول قىلىشىغا قارشى چىقىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ياۋروپادىكى سەككىز دۆلەت يەكشەنبە كۈنى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ تەھدىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ۋە ئاركتىكانىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ساداقىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
كىرېمىل سارىيى ئالدىنقى ھەپتە گىرېنلاندىيەنىڭ دانىيەگە قاراشلىق قانۇنىي سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە ئارالدىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەتنى «ناھايىتى تالاش-تارتىشلىق» دەپ سۈپەتلىدى.
كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ: «گىرېنلاندىيەنىڭ دانىيە پادىشاھلىقىغا تەۋە بىر رايون ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز» دېدى.