تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
تۈركىيە «نىتانياھۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جاسارەت بېرىلگەن» يەھۇدىي كۆچمەن تېررورچىلارنىڭ تۆت پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈشىنىڭ، «ئىسرائىلىيە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن بېسىۋېلىنغان پەلەستىن زېمىنلىرىدا ئەۋج ئالغان قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەر تېررورىنى ئەيىبلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بېسىۋېلىنغان پەلەستىن زېمىنلىرىدا كۈنسېرى ئېشىۋاتقان قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەر تېررورىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مىنىستىرلىق جۈمە كۈنى تۆت پەلەستىنلىكنىڭ «نىتانياھۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جاسارەتلەندۈرۈلگەن يەھۇدىي كۆچمەن تېررورچىلار تەرىپىدىن» ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ، «ئىسرائىلىيە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، پەلەستىن زېمىنلىرىنى بېسىۋالغان كۆچمەن يەھۇدىي تېررورچىلارنىڭ ۋە ئۇلارنى قوللىغۇچىلارنىڭ سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنىڭ جازاسىز قالماسلىقى ۋە جاۋابكارلارنىڭ سوت ئالدىدا ھېساب بېرىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلىنغان چاقىرىق قايتا تەكىتلەندى.

بىنيامىن نېتانياھۇ بىلەن مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز جۈمە كۈنى ئەتىگەندە، بېسىۋېلىنغان غەربىي قىرغاقدىكى قانۇنسىز خاۋات گىلاد ئولتۇراق رايونى يېقىنلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن پەلەستىن يېزىلىرىدا «كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت» باشلاش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەن ئىدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ يەتكۈزۈشىچە، قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر كېيىنچە نابۇلۇس ئۆلكىسىدىكى ساررا ۋە ئۇرىپ يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، پەلەستىنلىكلەرگە ئائىت ئۆيلەرگە ۋە باشقا مۈلۈكلەرگە ئوت قويۇپ بەرگەن. يېزا ئاھالىسى تاش ئېتىپ ھۇجۇمچىلارغا قارشى تۇرغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردە غەززەگە قارىتا ئېغىر ھەربىي ھۇجۇملىرىنى باشلىغىنىدىن بۇيان بېسىۋېلىنغان غەربىي قىرغاقتا زوراۋانلىقلارنىڭ نىسبىتى ئاشتى.

پەلەستىنلىك مەسئۇللارنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا بۇ مەزگىلدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بېسىپ كىرىشلىرى ۋە بۇلاڭ- تالاڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئاز دېگەندىمۇ 1182 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى ۋە مىڭلارچە كىشى يارىلاندى ھەمدە تەخمىنەن 24 مىڭ كىشى قولغا ئېلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel's Netanyahu orders 'wide-scale' military offensive in occupied West Bank

 

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»