سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاق ساراي ئەمەلدارى: ترامپ ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى توختاتتى
ئاق ساراي ترامپنىڭ شېرىكلىرىنىڭ تىنچلىققا مەركەزلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
00:00
ئاق ساراي ئەمەلدارى: ترامپ ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى توختاتتى
دونالد ترامپ بىلەن ۋولودىمىر زېلېنىسكىينىڭ كەسكىن مۇنازىرىسى / MAXAR TECHNOLOGIES VIA GOOGLE/ Handout via Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان ياردەملەرنى توڭلاتتى، ئامېرىكالىق بىر ئەمەلدارنىڭ فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قەدەم كىيېۋ ئۈستىدىكى رۇسىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش بېسىمىنى كۈچەيتتى.

ئاق ساراي ئەمەلدارى ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن قىسقىچە بايانات بېرىپ: «پىرېزىدېنت تىنچلىققا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. شېرىكلىرىمىزمۇ بۇ نىشانغا يۈزلىنىشى كېرەك. بىز ياردەملىرىمىزنى ۋاقىتلىق توختىتىمىز ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىش ئۈچۈن (ياردەم مەسىلىسىنى) قايتا كۆزدىن كەچۈرۈۋاتىمىز» دېدى.

The Wall Street Journal گېزىتى ھازىرقى ۋە سابىق ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ چەت ئەل ياردەملىرىنى توڭلىتىشى سەۋەبىدىن ماددىي ياردەمنىڭ يېقىنقى ھەپتىلەردە توختىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەمما، ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان ئاساسلىق قورال-ياراق يەتكۈزۈش يولىنى تاقاش قارارى، ئاق سارايدا پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي ئارىسىدىكى كەسكىن مۇنازىرىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ئاشكارا مۇنازىرە زېلېنىسكىينىڭ ترامپنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۈچ يىللىق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر كېلىشىم ئىمزالىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى گۇمانى ئۈستىدە بولدى.

زېلېنىسكىي مۇنازىرىدىن كېيىن ئاق سارايدىن ئايرىلدى ۋە مۇھىم مىنېراللار توغرىسىدىكى بىر كېلىشىم ئۈچۈن پىلانلانغان ئىمزالاش مۇراسىمى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى بىكار قىلىندى.

ترامپ ئاق سارايدىكى بىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا بولغان ھەربىي ياردەملىرىنى توختىتىدىغان-توختاتمايدىغانلىقى ھەققدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ھازىرچە بۇ ھەقتە «تېخى سۆزلەشمىگەنلىكىنى» ئېيتتى.

ئۇزۇن ۋاقىت بۇ يەردە بولمايدۇ

شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ زېلېنىسكىينى <ئەگەر ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمىسە، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى قوللىشىنىڭ «بەك ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغانلىقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ يەنە، زېلېنىسكىي رۇسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزمىسە، «ئۇزۇن ۋاقىت بۇ يەردە بولمايدىغانلىقى»نىمۇ ئەسكەرتىپ: «بەلكىم بىرىلىرى كېلىشىم تۈزۈشنى خالىمىسا كېرەك، ئەگەر بىرى كېلىشىم قىلىشنى خالىمىسا، مەن ئۇ كىشىنى ئۇزۇن ۋاقىت بۇ يەردە بولمايدۇ، دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇ كىشى ئۇزۇن ۋاقىت ئارام ئالالمايدۇ، چۈنكى مەن رۇسىيەنىڭ كېلىشىم قىلىشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن شەكسىز ھالدا ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ كېلىشىم قىلىشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا،  گېزىت  ئاق ساراينىڭ بىر پارلامېنت ياردەمچىسى ۋە بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككىنچى بىر شەخسنىڭ سۆزىگە ئاساسلىنىپ، ترامپنىڭ چېكىنىش ھوقۇقىنى قوللىنىپ ياردەم بېرىشنى توختىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپنىڭ ئۇچۇرىدىن قىسقا ۋاقىت كېيىن، زېلېنىسكىي تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ياردەملىرىنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئۈمىدۋار  ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ ۋاشىنگتون ۋە ياۋروپادىكى شېرىكلىرى بىلەن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن زىچ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «بىز ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا ئامېرىكانىڭ ياردىمىدىن ئىنتايىن ئۈمىدۋارمىز» دېدى ۋە ھەقىقىي بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى