دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا دىپلوماتىنى چاقىرتتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېن: «دانىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماقچى بولغان ھەر قانداق ھەرىكەت قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېدى.
دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا دىپلوماتىنى مىنىستىرلىققا چاقىردى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
دانىيە رادىيو تېلېۋىزىيەسى (DR) نىڭ چارشەنبە كۈنى (27-ئاۋغۇست) خەۋەر قىلىشىچە، دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېن (Lars Lokke Rasmussen) ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ گىرېنلاندتا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر سەۋەبىدىن، ئامېرىكانىڭ كوپېنھاگېندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتقان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ بايلىقى مول ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بۇ ئارالنى دۆلەت ۋە خەلقئارالىق بىخەتەرلىك سەۋەبى بىلەن قولغا چۈشۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشنىمۇ ئۈنۈمسىز دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
دانىيە رادىيو-تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەنبەلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ بىلدۈرۈشىچە، دانىيە ھۆكۈمىتى ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار كەم دېگەندە ئۈچ ئامېرىكا پۇقراسىنى دانىيە زېمىنىدا يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشتى دەپ قارايدىكەن.
دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماقچى بولغان ھەر قانداق ھەرىكەت ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئامېرىكا دىپلوماتىنى سۆھبەتكە چاقىرىشنى تەلەپ قىلدىم.»
ئامېرىكانىڭ كوپېنھاگېندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە، دىپلومات مارك ستروخ (Mark Stroh) نىڭ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. ئەلچىخانا ھازىرچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.