خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى مايكىل رىگاس تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى مايكىل رىگاس 1700 يىل بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى ئىزنىك كېڭىشىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ ۋە ئىستانبۇلدا ھەر خىل سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ، ئاندىن ئىراق ۋە قۇددۇسقا سەپەر قىلىدۇ.
ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى مايكىل رىگاس تۈركىيەگە كېلىدۇ
رىگاس نىكېيا كېڭىشىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە باشچىلىق قىلىدۇ. / AP

يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكالىق دىپلومات مايكىل رىگاس بۇ ھەپتە تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە پاپا 14-لېئومۇ قاتنىشىدىغان بىرىنچى قېتىملىق ئىزنىك كېڭىشىنىڭ 1700 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە ۋاشىنگىتونغا ۋاكالىتەن ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىرلىقنىڭ باشقۇرۇش ۋە مەنبەلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى مايكىل رىگاسنىڭ 27-نويابىردىن 5-دېكابىرغىچە تۈركىيە، ئىراق ۋە قۇددۇستا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى  ئۇقتۇردى.

رىگاس تۈركىيەدىكى مەزگىلىدە، ئىزنىك كېڭىشىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ئامېرىكا ھەيئىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەمدە ئامېرىكا-تۈركىيە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، رىگاس يەنە ئىستانبۇل فەنەر رۇم ئورتودوكس پاترىكى بارتولومېيوس بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.

بىرىنچى ئىزنىك (نىكېيا) كېڭىشى، مىلادىيە 325-يىلى رىم ئىمپېراتورى كونستانتىن تەرىپىدىن چاقىرىلغان بولۇپ، دەسلەپكى خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن پىسكوپلارنى جەم قىلغان ھەمدە خىرىستىيانلىقنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى ھەققىدە ھەل قىلغۇچ قارارلارنىڭ چىقىرىلىشىغا تۈرتكە بولغان.

نىكېيا — ئىستانبۇلغا يېقىن بۇرسا ۋىلايىتىگە قاراشلىق كۆلنىڭ بويىغا جايلاشقان ئىزنىك بازىرىنىڭ قەدىمكى نامىدۇر.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ