بلىنكېن دۆلەت مەجلىسىدە نارازىلىققا ئۇچرىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان بىر يىغىندا دۆلىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللىشى سەۋەبلىك  نارازىلىققا ئۇچرىدى.

Antony Blinken reads memos from his subordinates, but does not report to political institutions like the US Congress / TRT Global

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئافغانىستان مەسىلىسى» تېمىلىق يىغىنغا قاتناشتى.

بىلىنكېن سۆز قىلىشقا باشلاپ قىسقا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، غەززە ھەققىدە خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكىنى كۆتۈرۈۋالغان بىر نامايىشچى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق مىنىستىرى» ۋە «غەززەنىڭ قاتىلى» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، بلىنكېنغا نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشچى بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن يىغىن زالىدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرغان بىلىنكېن، بىر مەھەلدىن كېيىن يەنە بىر نامايىشچىنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلدى.

«قانخور بلىنكېن»، «غەززەدە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىڭلار» دەپ ۋارقىرىغان بۇ نامايىشچىمۇ بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن يىغىن زالىدىن چىقىرىۋېتىلدى.