خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ئىشىك ئېچىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكچى
ترامپ بېيجىڭدىكى ھالقىلىق ئۇچرىشىشتا خىتاينىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ئىشىك ئېچىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكچى.
ترامپ بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ئىشىك ئېچىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكچى
ترامپ بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ئىشىك ئېچىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكچى / Reuters

ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي زىيارىتىگە قاتنىشىدىغان ئامېرىكالىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ سودا، سۈنئىي ئىدراك، تەيۋەن ۋە ئىران ئۇرۇشى مەسىلىلىرىدە خەۋپى يۇقىرى سۆھبەتلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، يېڭى سودا كېلىشىملىرىنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ھەپتە بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئىنتايىن مۇھىم سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينى ئامېرىكا سودا دۇنياسىغا «ئېچىۋېتىشنى» تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ترامپ سەيشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئۆزىگە ھەمراھ بولغان ئامېرىكا سودا دۇنياسىنىڭ باش ئىجراچى رەھبەرلىرىنى ئىشارەت قىلىپ: «ئاجايىپ بىر رەھبەر بولغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شىدىن خىتاينى 'ئېچىۋېتىشنى' سورايمەن، شۇنداق بولغاندا بۇ پاراسەتلىك ئىنسانلار ئۆز سېھرىي كۈچىنى كۆرسىتەلىسۇن ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرەلىسۇن!» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ترامپ خىتاي زىيارىتىگە تېسلا (Tesla) نىڭ باش ئىجراچىسى ئېلون ماسك، ئالما (Apple) نىڭ باش ئىجراچىسى تىم كۇك، بىلاكروك (BlackRock) نىڭ باش ئىجراچىسى لاررى فىنك ۋە بوئىن (Boeing) نىڭ باش ئىجراچىسى كېللىي ئورتبرېگنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ شىركەتلىرىنىڭ بەزى رەھبەرلىرىنى تەكلىپ قىلدى.

بۇ رەھبەرلەرنىڭ بېيجىڭ بىلەن سودا كېلىشىملىرى ۋە سېتىۋېلىش توختاملىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە قارىتىلغان يىغىنلارغا قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە.

باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ كۈنتەرتىپى سودا، سۈنئىي ئىدراك، ئېكسپورت چەكلىمىسى، تەيۋەن ۋە ئىران ئۇرۇشى مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ئىككى تەرەپ سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى، ئېمبارگولار ۋە نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرى ئېكسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك ھەپتىلەردىن بۇيان كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىكتىن كېيىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئالدىا تۇرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump to lead 17 US CEOs, including Musk and Cook, on China visit amid Iran war
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى
پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى قازا قىلدى
ئىران-ئىسرائىلىيە سۈركىلىشى قايتىدىن كۈچەيدى
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئارىزوناغا يېتىپ باردى
مىنىستىر فىدان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن شىمالىي كورېيە: «يادرو پىلانىمىز مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ» دېدى
ئامېرىكا ئىرانغا تەۋە ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى
جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنى تەبرىكلىدى