غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
بەش ياشلىق غەززەلىك مېيىپ بالا ئىسرائىلىيەنىڭ ئاچ قويۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى
بىر سەھىيە مەنبەسى مۇھەممەد زەكەرىيا ھىدىرنىڭ قازا قىلىشتىن ئىلگىرى ئېغىرلىقىنىڭ 12 كىلوگرامدىن 3 كىلوگرامغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بەش ياشلىق غەززەلىك مېيىپ بالا ئىسرائىلىيەنىڭ ئاچ قويۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى
بەش ياشلىق غەززەلىك مېيىپ بالا ئىسرائىلىيەنىڭ ئاچ قويۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى / AA

تىببىي مەنبەلەر ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى سەۋەبىدىن يېمەك-ئىچمەك ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسى قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن 5 ياشلىق مېيىپ پەلەستىنلىك بالا مۇھەممەد زەكەرىيا ھىدىرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى ناسىر دوختۇرخانىسىدىن بىر سەھىيە مەنبەسى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، جىسمانىي جەھەتتە مېيىپ بولغان مۇھەممەدنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ 12 كىلوگرامدىن 3 كىلوگرامغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ۋە دۈشەنبە كۈنى ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن كۆرۈنۈشلەردە، بالىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئورۇقلىغان تېنى ۋە روشەن كۆرۈنۈپ قالغان قوۋۇرغىلىرى دىققەتلەرنى تارتتى. ئۇنىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبىنىڭ سۈت ۋە يېمەك-ئىچمەك يېتىشمەسلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئىسرائىلىيە تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى چەكلىك مىقداردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ كىرىشىگە يول قويغان بولسىمۇ، غەززەدىكى دوختۇرخانىلار ئاچلىقتىن ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلماقتا.

غەززە ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ 14 كۈن ئىچىدە رايونغا پەقەت 1210 يۈك ماشىنىسى ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىگە يول قويغانلىقى، بۇ ساننىڭ ئاچارچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 8400 يۈك ماشىنىسىنىڭ ئاران %14 ىگە توغرا كېلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، يېقىنقى 24 سائەتتە يەنە 5 كىشىنىڭ قازا قىلىشى بىلەن ئاچلىقتىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 222 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قازا قىلغانلارنىڭ 101 نەپىرىنىڭ كىچىك بالا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دۇنيا يېمەكلىك پروگراممىسى غەززە نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ كۈنلەردىن بېرى تاماق يېيەلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ۋەزىيەتنى «ئاچلىق ۋە چارىسىزلىقتىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجە» دەپ تەسۋىرلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقى

ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىدا كۆپىنچىسى ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ 61 مىڭ 500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى WAFA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەخمىنەن 11 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ يىقىلغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىرى بارلىقى ھەققىدە ئەندىشە قىلىنماقتا.

مۇتەخەسسىسلەر بولسا ھەقىقىي ئۆلگەنلەر سانىنىڭ غەززە دائىرىلىرى ئېلان قىلغان سانلاردىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ساننىڭ تەخمىنەن 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانىدا قورشاۋ ئاستىدىكى رايوننىڭ زور بىر قىسمىنى ۋەيران قىلىپ، پۈتكۈل نوپۇسنى دېگۈدەك يۇرت-ماكانىدىن ئايرىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (UCM) ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدە ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىسرائىلىيە يەنە قورشاۋ ئاستىدىكى رايوندا پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا دۇچ كەلمەكتە.

 

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى