خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە 2030-يىلغىچە قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئامېرىكادىن قايتۇرۇۋېلىشنى پىلانلىماقتا
جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى لى جې-ميۇڭ 2030-يىلى ۋەزىپە مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئامېرىكادىن قايتۇرۇۋېلىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىدى.
جەنۇبىي كورېيە 2030-يىلغىچە قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئامېرىكادىن قايتۇرۇۋېلىشنى پىلانلىماقتا
جەنۇبىي كورىيە پىرېزىدېنتى لى جەيميوڭ كورىيە ئازادلىق بايرىمىنىڭ 81 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 2026-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى. / Reuters

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى لى جې-ميۇڭ جەنۇبىي كورېيە قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى (OPCON)  ئامېرىكادىن قايتۇرۇۋېلىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.

«Yonhap» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لى سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كابىنېت يىغىنىدا، بۇ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەريانىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئەسلىدىكى پىلانىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدە تاماملىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە مەسئۇللارغا يادرو ئېنېرگىيەسى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى سېتىۋېلىش پىلانىنى تېزلىتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن. لىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئۆز ھەربىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىتتىپاقنى ئاجىزلاشتۇرماسلىقى، ئەكسىچە ئىتتىپاقنى تېخىمۇ تولۇقلىشى كېرەك ئىكەن.

جەنۇبىي كورېيە 1950–1953-يىللىرىدىكى كورېيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇرۇش ۋاقتىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوماندانلىق مەركىزىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

بۇ ھوقۇق 1978-يىلى جەنۇبىي كورېيە–ئامېرىكا بىرلەشمە قىسىملار قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. سېئۇل 1994-يىلى تىنچلىق مەزگىلىدىكى ھەربىي قوماندانلىق ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قوماندانلىق ھوقۇقى (OPCON) ھازىرغىچە ئامېرىكا قوماندانلىقى ئاستىدا تۇرماقتا.

لىنىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە بىلەن سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقى دائىرىسىدە، پېنتاگونغا جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنى زور دەرىجىدە ئازايتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان «Ulchi Freedom Shield» بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى دۈشەنبە كۈنى باشلىغان.

لى ئۇرۇش شەكىللىرىنىڭ بارغانسېرى ئارىلاشما ئۇرۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى ۋە دۇنيا بىخەتەرلىك مۇھىتىنىڭ تېز ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن OPCON ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە دۆلەتتىكى ئۈچ ھەربىي ئاكادېمىيەنى بىر ئورگان ئاستىغا بىرلەشتۈرۈش پىلانىنى «ئىككىلەنمەستىن» تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرغان.

لى: «ئىتتىپاق مۇستەھكەم بولغاندا، بىخەتەرلىكنىڭ ئاساسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ» دېگەن ۋە جەنۇبىي كورېيە ئۆز ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەنسېرى، ئىتتىپاقداش بولۇش سۈپىتىدىكى ئەھمىيىتىنىڭمۇ ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار