كومپيۇتېرلار ئۆزگىرىۋاتامدۇ؟ نۋىدىيە (Nvidia) سۈنئىي ئىدراكلىق يېڭى كومپيۇتېر چىپىنى تونۇتتى
ئامېرىكانى مەركەز قىلغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتى نۋىدىيە، سۈنئىي ئىدراك ئىقتىدارلىرىنى خاتىرە كومپيۇتېر ۋە ئۈستەلئۈستى كومپيۇتېرلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان «RTX Spark» ناملىق يېڭى دەرىجىدىن تاشقىرى چىپىنى تونۇتتى.
كومپيۇتېرلار ئۆزگىرىۋاتامدۇ؟ نۋىدىيە (Nvidia) سۈنئىي ئىدراكلىق يېڭى كومپيۇتېر چىپىنى تونۇتتى
كومپيۇتېرلار ئۆزگىرىۋاتامدۇ؟ نۋىدىيە (Nvidia) سۈنئىي ئىدراكلىق يېڭى كومپيۇتېر چىپىنى تونۇتتى

شىركەت، مايكروسوفت ۋىندوز (Microsoft Windows) مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن ماسلىشىپ ئىشلەيدىغان بۇ چىپ سايىسىدە، سۈنئىي ئەقىل ياردەمچىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە چاشقان ۋە ھەرپ تاختىسىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تەيۋەندىكى «Computex» يىغىنىدا سۆز قىلغان نۋىدىيە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى (CEO) جېنسېن خۇاڭ (Jensen Huang)، نۋىدىيە بىلەن مايكروسوفت ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ يىللىق ھەمكارلىقنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ چىپنىڭ، سۈنئىي ئەقىل دەۋرىدە شەخسىي كومپيۇتېرلارنى قايتىدىن شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەيۋەننىڭ «MediaTek» پىرمىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ھەمدە مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن گرافىك چىپىنى بىر يەرگە جەم قىلغان يېڭى ياراق سىستېمىسى، سۈنئىي ئەقىل ياردەمچىلىرىنىڭ بۇلۇت سىستېمىلىرىغا ئېھتىياجلىق بولماستىن، بىۋاسىتە كومپيۇتېر ئۈستىدە يەرلىك ھالدا ئىشلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

كۈچلۈك قۇرۇلمىسىغا قارىماي كومپيۇتېرلارنىڭ نېپىز ۋە يېنىك قېلىشىغا ئىمكانىيەت بېرىدىغان چىپ؛ Dell, Lenovo, Asus ۋە HP غا ئوخشاش ئىشلەپچىقارغۇچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ.

نۋىدىيە، ئىستېمالچىلار كومپيۇتېر بازىرىغا قارىتىلغان بۇ قەدىمى بىلەن Intel, Apple, Qualcomm ۋە AMD غا ئوخشاش رەقىبلىرىگە قارشى يېڭى بىر سەپ ئاچقان بولدى.

ئانالىزچىلار، نۋىدىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئايفوننىڭ (iPhone) دۇنياغا كېلىشىگە ياكى ChatGPT ۋە DeepSeek غا ئوخشاش سۈنئىي ئەقىل ئىنقىلابلىرىغا ئوخشىتىپ، ئەنئەنىۋى پىروگرامما ئاساس قىلىنغان كومپيۇتېرلارنىڭ ئورنىنى ئىنتايىن ئەقىللىق دىگىتال خىزمەتداشلارغا بوشۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

شىركەت يەنە، سۈنئىي ئەقىل ياردەمچىلىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن «Vera» ناملىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلىش بىرلىكىنى (CPU) تونۇتتى. بۇ بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ تۇنجى ئىشلەتكۈچىلىرى ئارىسىدا OpenAI, Anthropic ۋە SpaceX غا ئوخشاش شىركەتلەر ئورۇن ئالماقتا.

سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قاراتقان تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى يۆنىلىشىدىكى ئەندىشىلەر ئۈستىدىمۇ توختالغان خۇاڭ، بۇ تېخنىكىنىڭ يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىرىغا بولغان ئېھتىياجنى ئازايتىۋېتىدۇ دېگەن دەۋالىرىنى تامامەن ئاساسسىز دەپ باھالىدى.

سۈنئىي ئەقىلنىڭ خىزمەتچىلەرنى تېخىمۇ ئىشلەپچىقىرىشچان ھالغا كەلتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن خۇاڭ، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى قوبۇل قىلىشنىڭ ئازىيىش ئورنىغا ئەكسىچە ئاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى