مىقاتى ئىسرائىلىيەنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىقاتى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى ئچ ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
00:00
مىقاتى ئىسرائىلىيەنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
#LOE11 : ھاماس تاجاۋۇزلاشقان سوڭ، ئىسرائىل غەززەدە جەڭگە كىرىدۇ / AFP

باش مىنىتىر مىقاتىنىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋان باش مىنىستىرى مىقاتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى نازارەت قىلىدىغان «ئۇرۇش توختىتىشقا نازارەتچىلىك قىلىش كومىتېتى» ئەزالىرى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدە كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يىغىنغا لىۋان ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف ئەۋن، ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش كومىتېتى رەئىسى، ئامېرىكالىق مايور گېنېرال جاسپر جېففېرس، فىرانسىيەلىك مايور گېنېرال گۇيلام پونچىن، لىۋان ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي لىتانى بۆلىكى قوماندانى گېنېرال ئېدگار لاۋندىس، ب د ت نىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى باشلىقى ۋە قوماندانى گېنېرال ئارولدو لازارو قاتارلىقلار قاتناشتى.

يىغىندا لىۋان باش مىنىستىرى مىقاتى ئىسرائىلىيەدىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشنى توختىتىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى بېسىپ كىرگەن رايونلاردىن دەرھال چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «لىۋان كېلىشىمدىكى ماددىلارغا قەتئىي ئەمەل قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە داۋاملىق خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ تۈنۈگۈن لىۋاننىڭ جەنۇبىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مۇقىملىقنى كۈچەيتىپ، سەرگەردانلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مىقاتى ئۇرۇش توختىتىشقا نازارەتچىلىك قىلىش كومىتېتىنى ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىگە رىئايە قىلىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئاز دېگەندىمۇ 4061 ئادەم قازا قىلغان، 16661 ئادەم يارىلانغان.

لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى شۇ يەر ۋاقتى 27-نويابىر چارشەنبە سائەت 4:00 دە (تۈركىيە ۋاقتى سائەت 5:00) كۈچكە ئىگە بولدى.

كېلىشىمنىڭ ئىككىنچى ماددىسىدا: «لىۋان ھۆكۈمىتى ئاللاھ پارتىيەسى ياكى لىۋان زېمىنىدىكى ھەرقانداق قوراللىق تەشكىلاتنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قىلىشىنى توسىدۇ، ئىسرائىلىيە لىۋاندىكى پۇقرالار، ھەربىي ئىشلار ياكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نىشانلارغا قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلمايدۇ» دېيىلگەن.

كېلىشىمگە ئاساسەن، لىۋان ئارمىيەسى 60 كۈن ئىچىدە باسقۇچقا بۆلۈپ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلغان رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى