پىكىر
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىتالىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقى 24 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى پىلانى تۈزمەكتە
ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا سۆھبەتلىرى توختاپ قالغاندىن كېيىن، مىلياردلارچە دوللارلىق كەڭ كۆلەملىك بىر تاموژنا بېجى پىلانى تۈزۈپ، ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشقا تەييارلانماقتا.
ئىتالىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقى 24 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى پىلانى تۈزمەكتە
ئىتالىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقى 24 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى پىلانى تۈزمەكتە / Reuters

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى دۈشەنبە كۈنى گېزىتلەرگە بەرگەن باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىغان تەقدىردە، ئامېرىكا ماللىرىغا قارىتا 21 مىليارد ياۋرو (24 مىليارد 520 مىليون دوللار) قىممىتىدىكى بىر تاموژنا بېجى قويۇش تىزىملىكى تەييارلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شەنبە كۈنى، ئامېرىكانىڭ چوڭ سودا شېرىكلىرى بىلەن ھەپتىلەپ داۋاملاشقان سۆھبەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىر كېلىشىم بىلەن نەتىجىلەنمەسلىكىدىن كېيىن، 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ مېكسىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قىلىنغان ئىمپورتلارغا %30 نىسبىتىدە تاموژنا بېجى قويۇش تەھدىتى سالدى.

 تاجانى «Il Messaggero» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ياۋرو رايونى ئىقتىسادىنى قوللاش مەقسىتىدە يېڭى بىر زايوم سېتىۋېلىش پىروگراممىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى يەكشەنبە كۈنى بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجىغا قارشى قوللانغان ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىغىچە توختىتىلىدىغانلىقىنى ۋە سۆھبەت ئارقىلىق بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاجانى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈزگەن 21 مىليارد ياۋرولۇق تاموژنا بېجى پىلانىغا قوشۇمچە ھالدا يېڭى بىر پىلان تەييارلىيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما سۆھبەتلەردە ئىلگىرىلەش بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دېدى:

«باجلار بولۇپمۇ ئامېرىكادىن باشلاپ ھەممە تەرەپكە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئەگەر پاي بازىرى چۈشۈپ كەتسە، بۇ ئامېرىكانىڭ پېنسىيە پۇلى ۋە يىغقان پۇللىرىنى خەتەرگە دۇچار قىلىدۇ.»

 تاجانى نىشاننىڭ «نۆل تاموژنا بېجى» ھەمدە كانادا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، مېكسىكا ۋە ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا ئوچۇق بىر بازار قۇرۇش بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى فرېدرىخ مېرزمۇ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بارغانسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقان  سودا ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى