غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: غەززە ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ غەززە ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ: غەززە ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى
ترامپ: غەززە ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى / Reuters

ترامپ ھاماسنىڭ بارلىق گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭمۇ ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشكە باشلىشى بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئېلىپ بارغان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەگە قارىتىلغان ئۇرۇشىنىڭ رەسمىي ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ بايانات، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) نىڭ دېڭىز قىرغىقى رايونىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 20 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشىدىن بىرنەچچە مىنۇت كېيىنلا ئېلان قىلىندى.

 بىر مۇخبىرنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقان ياكى ئاخىرلاشمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا، ترامپ ئىسرائىلىيە پارلامېنتى ئەزالىرىغا سۆز قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا قىسقىچە «ھەئە» دەپ جاۋاب بەردى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) نىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەددىن ئەلقەسسام قىسىملىرى دۈشەنبە كۈنى 20 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلىش جەريانىنىڭ تاماملىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۇتقۇنلار غەززەدە ئىككى گۇرۇپپا ھالىتىدە قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئەترەتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

ترامپنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن 20 ماددىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە، ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە جاۋابەن، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن 250 تۇتقۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1968 پەلەستىنلىك ئەسىرنىڭمۇ قويۇپ بېرىلىشى داۋام قىلماقتا.

پەلەستىنلىك ئەسىرلەر ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەلەستىنلىك ئەسىرلەرنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇسلار دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىن غەززە ۋە ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا قاراپ يولغا چىققان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - غەززەدە ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش ئەتىگەن سائەت 08:00 دە باشلىنىدۇ

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ