خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاۋسترالىيە ساقچىلىرى بوندى ساھىلىدىكى قوراللىق ھۇجۇمچىلارنىڭ ئاتا - بالا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى
دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا دادىسى دەپ قارالغان گۇماندار ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئوغلى بولسا ئېغىر يارىدار ھالەتتە دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئاۋسترالىيە ساقچىلىرى بوندى ساھىلىدىكى قوراللىق ھۇجۇمچىلارنىڭ ئاتا - بالا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى
ئاۋسترالىيە ساقچىلىرى بوندى ساھىلىدىكى قوراللىق ھۇجۇمچىلارنىڭ ئاتا - بالا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى / AP

ئاۋستىرالىيە ساقچىلىرى سىدنېينىڭ بوندى ساھىلىدىكى قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئىككى گۇماندارىنىڭ ئاتا - بالا ئىكەنلىكىنى، تەپتىشلەرنىڭ باشقا گۇماندارلارنى ئىزدىمەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يېڭى جەنۇبىي ۋالېس ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ كومىسسارى مال لانيون دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا، ھۇجۇمچىلارنىڭ 50 ياشلىق بىر ئەر ۋە ئۇنىڭ 24 ياشلىق ئوغلى ئىكەنلىكىنى، دادىسىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئوغلىنىڭ بولسا دوختۇرخانىدا بولۇپ، ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

لانيون ۋەقەدە باشقا جاۋابكار يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز باشقا بىر ھۇجۇمچىنى ئىزدىمەيۋاتىمىز. ھۇجۇمنى ئىككى كىشىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

ساقچى تەرەپنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ سانىمۇ رايوندىن كەلگەن دەسلەپكى خەۋەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆپەيگەن. يارىلانغانلاردىن ئەھۋالى ئېغىر بولغانلارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى بىلەن ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار سانى 15 كە يەتكەن بولۇپ، يارىلانغانلار سانى 39 ئىكەن. بۇ سان ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىلىنىپ قولغا چۈشكەن ھۇجۇمچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

كومىسسار لانيون گۇماندارلاردىن دادىسىنىڭ تىزىمغا ئېلىنغان ئالتە دانە قورالغا ئىگە، ئىجازەتنامىسى بار قورال ئىشلەتكۈچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ھەمدە بوننىرىگ ۋە كامپشى ئەتراپىدىكى ئىككى ئۆيدە كېچىچە ئېلىپ بارغان ئاختۇرۇشلار داۋامىدا جەمئىي ئالتە دانە قورالنى قولغا چۈشۈردى. قولغا چۈشۈرۈلگەن قوراللارنىڭ ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەن قوراللار ياكى ئەمەسلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن باللىستىك ۋە ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۆلەتلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە ABC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساقچىلار ھۇجۇمچىلاردىن بىرىنىڭ ئاپتوموبىلىدىن پارتلاتقۇچ ئۈسكۈنىلەرنىمۇ تاپقان.

 «ھەقىقىي قەھرىمان»

 ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانېس ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ «تېررورىزم» دەپ ئاتىدى.

ئالبانېس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بۇ، خۇشال - خۇرام ئۆتۈشى كېرەك بولغان خانۇكا بايرىمىنىڭ تۇنجى كۈنىدە، ئاۋستىرالىيەدىكى يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان نىشانلىق ھۇجۇمدۇر. بۇ نەپرەت، زوراۋانلىق ۋە تېررورىزمغا دۆلىتىمىزدە ئورۇن يوقتۇر.»

دائىرىلەر ھۇجۇم جەريانىدا ياخشى ئىش قىلغان بىر نەق مەيدان شاھىتىنىمۇ ماختىدى. كۆرۈنۈشلەردە، 43 ياشلىق ئەھمەد ئەلئەھمەد ئىسىملىك كىشىنىڭ، قوراللىق ھۇجۇمچىلاردىن بىرىگە قاراپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى قورالنى تارتىۋالغانلىقى ۋە ھۇجۇمچىنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغانلىقى كۆرۈلىدۇ.

بىر كۆكتات دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ۋە ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولغان ئەلئەھمەد، قولى ۋە بىلىكىگە تەگكەن ئوق سەۋەبىدىن ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ يەرلىك تاراتقۇلارغا ئېيتىشىچە، ئۇ ھازىرمۇ دوختۇرخانىدا ئىكەن.

يېڭى جەنۇبىي ۋالېس ئۆلكسىنىڭ باش مىنىستىرى كىرىس مىننىس ئەلئەھمەدنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قەھرىمانلىق دەپ ئاتىدى.

مىننىس ئەلئەھمەد ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇ كىشى ھەقىقىي بىر قەھرىمان. جامائەتكە قارىتىپ ئوق چىقىرىۋاتقان بىر قوراللىق كىشىنىڭ يېنىغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنى يالغۇز بىر تەرەپ قىلغان ۋە نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان بىر كىشىدۇر» دېدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار