خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
گېرمانىيەدىكى كىل ئىنستىتۇتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇچقۇلارغا ئاجراتقان ياردەملىرى 2022-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئۈچ ھەسسە كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ يۈزلىنىش مارت ۋە ئاپرېل ئايلىرىدا تېخىمۇ تېزلەشكەن.
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
[FILE] ئۇكرائىنادا ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇداپىئە تېخنىكىسى پائالىيىتىدىكى كۆرسىتىش جەريانىدا، ئوپتىك تالالىق كابېل ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان بىر ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات كۆرۈنمەكتە. / Reuters

گېرمانىيەدىكى كىل ئىنستىتۇتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ئاجراتقان مەبلىغى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا مىلياردلارچە دوللارلىق ھەربىي ياردەم يۆتكىگەنلىكىنى ھەمدە 2026-يىلىغىچە قىلىنىدىغان تۆھپىلەرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇچقۇ ساھەسىنى جانلاندۇرۇشقا زور ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ساھەگە كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سالىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق يېڭى تېخنىكا بىلىملىرى ۋە تەجرىبىلىرىگە ئىگە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2022-يىلى 24-فېۋرالدىكى رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىقىدىن بۇيان ئۇكرائىناغا تەمىنلەنگەن ھەربىي، مالىيە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كىل ئىنستىتۇتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ تۇنجى تۆت ئېيىدا ياۋروپا ھەربىي ياردىمىنىڭ يۈزدە 12سى بىۋاسىتە ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشقا ئاجرىتىلغان. يانۋار-ئاپرېل مەزگىلىدە ئاجرىتىلغان 12.33 مىليارد ياۋرو (14.3 مىليارد دوللار) قىممىتىدىكى ھەربىي ياردەمنىڭ 1.5 مىليارد ياۋروسى ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشقا سەرپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ رەقەم 2025-يىلىنىڭ تولۇق بىر يىلىدا ئاجرىتىلغان ئومۇمىي سوممىدىن (1.24 مىليارد ياۋرو) كۆپ ئىكەن.

ئۇچقۇلارغا ئاجرىتىلغان ياردەم فوندى 2022-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە ئۈچ ھەسسە كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ يۈزلىنىش مارت ۋە ئاپرېل ئايلىرىدا تېخىمۇ تېزلەشكەن. بۇ دائىرىدە، ئەنگلىيە 15-ئاپرېل كۈنى 120 مىڭ دانە ئۇچقۇ تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى؛ گېرمانىيە ۋە نورۋېگىيە ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇشىدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ قوراللارغا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 500 مىليون ياۋرودىن مەبلەغ ئاجراتتى. گوللاندىيە بولسا، مەزكۇر پىلاننى 250 مىليون ياۋرو مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى.

ئۇكرائىنا نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇچقۇ مۇتەخەسسىسىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. فىنلاندىيە، دانىيە ۋە ئەنگلىيەگە ئوخشاش سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە يۆتكىگەن ئۇكرائىنا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇلارنى بىرلىكتە ئىشلەپچىقارماقتا.

كيل ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقات مۇدىرى كرىستوف ترىبېش: «ياۋروپالىق ياردەم بەرگۈچىلەر ئەمدى كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇ مەبلىغى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە قەدەم قويدى» دېدى. ترىبېش يەنە: «نەتىجىدە، ئۇكرائىناغا بېرىلىۋاتقان ياردەم بارغانسېرى ئىككى تەرەپلىمىلىك ئالماشتۇرۇشقا ئايلانماقتا: ئۇكرائىناغا مالىيە ياردىمى ئېقىۋاتقان بىر پەيتتە، يۇقىرى تېخنىكىلىق تەسىرلەر ياۋروپاغا قايتىپ كەلمەكتە» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ساھەسىدىكى مول تەجرىبىسى، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن مۇداپىئە كېلىشىملىرىنى ئىمزالىشىغا يول ئاچتى. بۇ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى يېقىن شەرقتىكى ئۇرۇش جەريانىدا، ئۇكرائىنا تاقابىل تۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆگەنگەن ئىراندا ئىشلەنگەن ئوخشاش تۈردىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بومباردىمانلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلانغانىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ