ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دۆلەتلەر كەلگۈسىدىكى يۇقۇملارغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە كېلىشتى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر 32 بەتلىك كېلىشىم لايىھەسى ئۈستىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى؛ كېلىشىم يۇقۇملارغا تاقابىل تۇرۇشتا باراۋەرلىك، تېخنىكا ھەمبەھرىلەش ۋە ھەمكارلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى مەزمۇن قىلىدۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دۆلەتلەر كەلگۈسىدىكى يۇقۇملارغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە كېلىشتى
"Tonight marks a significant milestone in our shared journey towards a safer world," WHO chief Tedros Adhanom Ghebreyesus says. / Photo: AFP
2025-يىلى4-ئاينىڭ16-كۈنى

كوۋىد-19 يۇقۇمى دۇنيا سەھىيە سىستېمىسىدىكى ئېغىر يوچۇقلارنى ئاشكارىلىغاندىن تەخمىنەن بەش يىل كېيىن، ئەزا دۆلەتلەر يېڭى بىر دۇنياۋى يۇقۇمغا تەييارلىق قىلىش ھەمدە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بۇ كېلىشىم لايىھەسىنى تەييارلىدى.

ئۈچ يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنغان بۇ كېلىشىمنىڭ مەقسىتى، كوۋىد-19 كىرىزىسى مەزگىلىدە يول قويۇلغان خاتالىقلارنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيېسۇس بۇ كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقىغا: «بۈگۈن كېچە، تېخىمۇ بىخەتەر دۇنيا بەرپا قىلىش يولىمىزدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. بۈگۈن دۇنيا دۆلەتلىرى جەنۋەدە تارىخ ياراتتى» دەپ باھا بەردى.

بۇ سۆھبەتلەر كوۋىد-19 يۇقۇمى مىليونلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەۋرىتىۋەتكىنىگە بەش يىل بولغان، شۇنداقلا قۇش زۇكىمى (H5N1)، قىزىلچا، مايمۇن چېچىكى (mpox)  ۋە ئېبولا قاتارلىق يېڭى سەھىيە تەھدىتلىرى كۆرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلدى. مۇزاكىرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئامېرىكانىڭ تاشقى ياردەمنى قىسقارتىشى ۋە دورىلارغا يۇقىرى تاموژنا بېجى قويۇش ئېھتىماللىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.

كېلىشىم لايىھەسى ماقۇللاندى

گەرچە ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە بەزى تالاش-تارتىشلىق ماددىلاردا پىكىر ئىختىلاپلىرى داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئاخىرىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

تەرەپلەر يۇقۇملارغا تاقابىل تۇرۇشتا سەھىيە ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۆتكەشنى تەڭشەيدىغان 11 -ماددا ئۈستىدە كېلىشەلمەي تۇرۇۋالغانىدى.

ئەسلىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە، نامرات دۆلەتلەر باي دۆلەتلەرنى ۋاكسىنا ۋە سىناق ئەسۋابلىرىنى يىغىۋېلىش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. چوڭ دورا شىركەتلىرى جايلاشقان دۆلەتلەر بولسا، تېخنىكا يۆتكەشنىڭ مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى ئىختىيارىي بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى. ئاخىرىدا بۇ ئىختىلاپ، تېخنىكا يۆتكەشنىڭ «ئۆزئارا كېلىشىپ بېكىتىلگەن شەرتلەر ئاساسىدا» ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئىبارىنى قوشۇش ئارقىلىق ھەل قىلىندى.

كېلىشىمنىڭ يادروسىنى، كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى دورا شىركەتلىرى بىلەن تېز سۈرئەتتە ھەمبەھرىلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش ھەمدە بۇ ئارقىلىق يۇقۇمغا قارشى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش جەريانىنى تېزلىتىش مەقسەت قىلىنغان «كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارغا ئېرىشىش ۋە مەنپەئەتنى ھەمبەھرىلەش سىستېمىسى» (PABS) تەشكىل قىلىدۇ.

مۇزاكىرىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى ئاننې-كلائىر ئامپروۋ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە: «بۇ تارىخىي كېلىشىمنى تەييارلاش جەريانىدا، دۇنيا دۆلەتلىرى كەلگۈسىدىكى يۇقۇم تەھدىتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بارلىق كىشىلەرنى قوغداش ھەققىدىكى ئورتاق ئىرادىسىنى نامايان قىلدى» دېدى.

كېلىشىمنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى كېلەر ئايدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يىللىق ئومۇمىي يىغىنىغا سۇنۇلۇپ، تەستىقلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

تېخىمۇ كۆپ باراۋەرلىك ئۈچۈن

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى تېدروس گېبرېيېسۇس مۇخبىرلارغا ھازىرقى لايىھەنىڭ «تەڭپۇڭ» ئىكەنلىكىنى، ھەمدە بۇ كېلىشىمنىڭ «تېخىمۇ كۆپ باراۋەرلىك» ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارغا تەييارلىق قىلىش ۋە تاقابىل تۇرۇشنىڭ زور خىراجەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان گېبرېيېسۇس: «لېكىن ھەرىكەتسىزلىكنىڭ بەدىلى تېخىمۇ ئېغىر» دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئۇ يەنە: «ۋىرۇس ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز. ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتى ئۇرۇشتىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

گەرچە مۇزاكىرىلەرنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئامېرىكىنىڭ تاشقى ياردەمنى قىسقارتىشى ۋە دورىلارغا يۇقىرى تاموژنا بېجى قويۇش ئېھتىماللىقى سەۋەبىدىن مۇرەككەپلەشكەن بولسىمۇ، ھەمدە بۇ ئەھۋال ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلغان بولسىمۇ، دۆلەتلەر ئاخىرىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالىدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ لايىھەنىڭ ماقۇللىنىشىنى دۇنياۋى ھەمكارلىق نۇقتىسىدىن بىر غەلىبە دەپ قارىماقتا.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، يۇقۇملارغا تەييارلىق قىلىش ۋە تاقابىل تۇرۇش مۇستەقىل كومىتېتىنىڭ ھەم رەئىسى ھېلېن كلارك: «كۆپ تەرەپچىلىك تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ‹كېيىنكى يۇقۇم تەھدىتىگە پەقەت ھەمكارلىشىش ئارقىلىقلا تاقابىل تۇرالايمىز› دېگەننى كۆرسەتتى» دېدى.

تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى تاڭ ئاتقۇچە داۋاملاشقان بىر پەيتتە، ئېسۋاتىنى پادىشاھلىقىنىڭ ۋەكىلى: «بۇ پەيتنى تەبرىكلەۋېتىپ، ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئەمەلىي خىزمەت ئەمدى باشلىنىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ھاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلماقتا، ئىسرائىلىيە داۋاملىق خىلاپلىق قىلماقتا
مودى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى يىغىنىغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتنىشىدۇ
زېلېنسكىي: پۇتىن  ۋە ترامپ بىلەن بۇداپېشتتا كۆرۈشۈشكە تەييارمەن
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە «ئۇرۇش توختاتماسلىقى» 97 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
خىتاي تىم كۇكنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكانى «باراۋەر تۇرۇپ دىيالوگ» ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى
بېيجىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي كارخانىلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشقا چاقىردى
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىدى
ئامېرىكا قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ترامپتىن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى
ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقىنى خاتىرىلىدى
گوللاندىيەدە 250 مىڭ كىشى ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ %50 نى ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىشنى رەت قىلدى
پەلەستىن باش مىنىستىرى ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ۋيېتنامدا «بۇيالوي» تەيفېڭ بورىنىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
ۋېيتنامدا «بۇۋالوي» ناملىق تەيفېڭ بورىنى 9 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
غەززەگە قاراپ يولغا چىققان «سۇمۇد» ياردەم فىلوتى مىسىرنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېقىنلاشماقتا
ئىران ياۋروپاغا تەھدىت سالدى