خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ۋە ئومان ھۆرمۈز بوغۇزى قاتناش لىنىيەسى خەرىتىسىدە كېلىشتى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى دېڭىز يولىدا بىخەتەرلىكنىڭ تولۇق مەنىسى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنىڭ ئامېرىكانىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىران ۋە ئومان ھۆرمۈز بوغۇزى قاتناش لىنىيەسى خەرىتىسىدە كېلىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغازىدىكى كېمە يولى ھەققىدە ئومان بىلەن كېلىشىم ئىمزالاندى / AA Archive

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل بەقايى، شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېخنىكىلىق مۇزاكىرىلەردىن كېيىن ئىراننىڭ ھۆرمۈز بوغۇزى ئۈچۈن تەييارلانغان قاتناش خەرىتىسى مەسىلىسىدە ئومان بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسمائىل بەقايى Defa Press غا بەرگەن باياناتىدا، ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىغا قىرغىقى بار ئىككى دۆلەت بولغان ئىران ۋە ئوماننىڭ، بىخەتەر قاتناش لىنىيەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك 18-ئىيۇندا ئىمزالانغان پىكىر بىرلىكى كېلىشىمىدىن كېيىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى زىچ مۇزاكىرىلەرنى باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بەقايى: «ئامېرىكانىڭ توسالغۇلىرىغا قارىماي سۆھبەتلەر ئاخىرقى ئۈچ ھەپتىدە ئىجابىي بىر ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى ۋە قاتناش خەرىتىسى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى» دېدى.

مەزكۇر پىلاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رىياسەتچىلىكىدە ئىران مۇداپىئە، بىخەتەرلىك ۋە مۇھىت ئاسراش مەسئۇللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تەييارلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Why the Middle East is looking beyond the Strait of Hormuz?

ئىككى تەرەپنىڭ تېھران ۋە ماسكات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىغان ئورتاق باياناتنىمۇ ئۆز ئەچىگە ئالغان، ئەمما تېخى ئېنىقلاشمىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بەقايى، مۇزاكىرە مۇساپىسى تاماملانغىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بەقايى، ئىران-ئومان تەرتىپىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئېگىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداش بىلەن بىرگە پاراخوتلارنىڭ بوغۇزدىن بىخەتەر ئۆتۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان مۇستەقىل بىر كېلىشىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بوغۇزدا بىخەتەرلىكنىڭ تولۇق مەنىسى بىلەن قايتىدىن تىكلىنىشىنىڭ ۋە ئادەتتىكى سودا پاراخوتلىرى قاتنىشىنىڭ باشلىنىشىنىڭ، ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە، ھەربىي تەھدىتلىرىگە ۋە دېڭىز قامىلىغا خاتىمە بېرىشىگە شۇنداقلا ئاخىرقى ئالتە ئايدا خىلاپلىق قىلغان مەجبۇرىيەتلىرى ئۈچۈن تۆلەم تۆلىشىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر سۆھبەتلەر، تېھران ۋە ماسكاتنى ھۆرمۈز بوغۇزى ئۈچۈن يېڭى بىر قاتناش لىنىيەسى رامكىسى بەرپا قىلىش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرگەن ئىران-ئامېرىكا پىكىر بىرلىكى ھۆججىتى دائىرىسىدە باشلانغان تېخنىكىلىق مۇزاكىرىلەرنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە يۈرگۈزۈلمەكتە. ئىران ۋە ئومان تىرانسپورت لىنىيەلىرى ئۈستىدىكى سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن تېھران ھۆكۈمىتى ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر قارارنىڭ ئامېرىكانىڭ پىكىر بىرلىكى ھۆججىتى دائىرىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئورۇنلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكرارلىماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran lists six demands to open Hormuz. What are they?

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى