تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قەتئىي ۋە ئىزچىل ئىرادىسى نېتانياھۇنى توختىتالايدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان دىپلوماتىك بېسىمنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قەتئىي ۋە ئىزچىل ئىرادىسى نېتانياھۇنى توختىتالايدۇ
ﺋﯧﺮﺩﻭﻏﺎﻥ ﭘﯧﺮﯦﺰﯨﺪﯧﻨﺖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ «يۈكسىلىۋاتقان كۈچ» ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. / AA

جۇمھۇر رەئىس رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي ۋە ئىزچىل پوزىتسىيەدە بولۇشقا چاقىردى ھەمدە دىپلوماتىك بېسىمنى كۈچەيتىپ، ياردەملەرنىڭ رايونغا ھېچقانداق توسالغۇسىز، ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان جەنۇبىي ئافرىقادىن قايتىش يولىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ: «خەلقئارا جەمئىيەت قەتئىي، ئىزچىل ۋە ئەمەلىي تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىرادە نامايان قىلسا، بۇنىڭ نېتانياھۇنى توختىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشى ھەققىدە توختالغان ئەردوغان: «ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ بارلىق ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە زور سەۋر قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە سادىق بولماقتا» دېدى ھەمدە «بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى چوقۇم تولۇق ئىجرا قىلىنىشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ رايون خەۋپسىزلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغان ئەھۋالدا، ئەنقەرەنىڭ قەتئىي ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «مەسىلە دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىكى ۋە خاتىرجەملىكىگە چېتىلغاندا، ئىلگىرى قانداق قەدەملەرنى باسقانلىقىمىز ھەممىگە ئايان. بۇنىڭغا ئوخشاش بىر تەھدىت ۋە خەتەرگە قايتا دۇچ كېلىشنى خالىمايمىز، لېكىن دۇچ كېلىپ قالساق، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىمىز» دېدى.

ئۆزگىرىۋاتقان يەرشارى سەھنىسىدىكى «يۈكسىلىۋاتقان كۈچ»

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا مۇرەسسەچىلىك قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىلگىرى ئىستانبۇلدا قانداق مۇھىم رول ئوينىغان بولساق، بۈگۈنمۇ شۇ ئىجابىي پوزىتسىيەمىزنى ساقلاپ قېلىشقا تەييارمىز».

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان 28 ماددىلىق تىنچلىق تەكلىپىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان: «ئەگەر بۇ پىلان تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ئۈمىدلىرىنى ۋە خەۋپسىزلىك ئېھتىياجلىرىنى يېڭى مۇقىمسىزلىقلارغا سەۋەب بولمايدىغان شەكىلدە قاندۇرالىسا، كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، تۈركىيەنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان يەرشارى ئىتتىپاقلىرىنىڭ «يۈكسىلىۋاتقان كۈچى» سۈپىتىدە بەلگىلىگەن يۆنىلىشىگە قاراپ مېڭىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە يۇقىرى تېخنىكا، ئېنېرگىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە ساھەلىرىگە سېلىنغان مەبلەغلەرنى، جۈملىدىن دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان تانكا، ئايروپىلان ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئائىلە قۇرۇلمىسىنى قوغداش ۋە سىياسەتلەرنى «بولۇپمۇ 50 يىل، ھەتتا 100 يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ» پىلانلاشنىڭ ئاساسلىق نىشان ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەردوغان سۆزىنى مۇنداق خۇلاسىلىدى: «بىز ئۆز يولىمىزنى ئۆزىمىز سىزىۋاتىمىز، ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆز قولىمىز بىلەن يارىتىۋاتىمىز. بىز ئۆتكۈزۈۋالغان تۈركىيە بىلەن بۈگۈنكى تۈركىيە ئارىسىدا قانچىلىك پاسىللارچە پەرق بولسا، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قالدۇرىدىغان تۈركىيەمىزمۇ بۈگۈنكىدىن نەچچە مەنزىل ئىلگىرىلەپ كەتكەن بولىدۇ».

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى