خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تالاش-تارتىشىغا ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلدى
خىتاينىڭ فىلىپپىندىكى باش ئەلچىخانىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تالاش-تارتىشلىرىنىڭ تەرەپدارى ئەمەسلىكىنى ھەمدە مەسىلىگە ئارىلىشىش ھوقۇقىنىڭمۇ يوقلۇقىنى ئېيتتى.
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تالاش-تارتىشىغا ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلدى
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تالاش-تارتىشىغا ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلدى / Reuters

خىتاينىڭ فىلىپپىن باش ئەلچىخانىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا «ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇشنى» توختىتىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، مانىلا ھۆكۈمىتىگىمۇ سۇ يوللىرىغا ئالاقىدار تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تاشقى كۈچلەرگە تايىنىۋالماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.

خىتاي باش ئەلچىخانا باياناتچىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت باشلىقى كايا كاللاسنىڭ فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلاغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا، خىتاينىڭ بەزى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن زىددىيەتلىك بولغان دېڭىز تەۋەلىكى تەلىپى توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەنلىكىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى.

باش ئەلچىخانىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باياناتچى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تالاش-تارتىشلىرىنىڭ بىر تەرىپى ئەمەس، ھەمدە خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقىغا ئارىلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس» دېدى.

باياناتچى يەنە: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ھوقۇقلىرىغا ھەقىقىي مەنىدە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Philippines rejects China's media 'sovereignty' claim over contested reef

فىلىپپىننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئېلېكترونلۇق خەت ئارقىلىق قىلىنغان ئىنكاس قايتۇرۇش تەلىپىگە جاۋاب بەرمىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە فىلىپپىن بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا كاللاسنىڭ فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتىدا، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا قانۇنلۇق دېڭىز-ئوكيان پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان فىلىپپىن پاراخوتلىرى ۋە ئايروپىلانلىرىغا قاراتقان «قانۇنسىز، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك، تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئالداش خاراكتېرلىك تەدبىرلىرى» گە قارىتا ئەندىشىلىرى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي؛ برۇنېي، ھىندونېزىيە، مالايسىيا، فىلىپپىن ۋە ۋيېتنامنىڭ مۇستەسنا ئىقتىسادىي رايونلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ