تۈركىيە: سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر «تېررورىزمدىن تازىلانغان رايون» ئۈچۈن بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى: «زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدىغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلانغان بىر سۈرىيە رايون تىنچلىقىنىڭ ئاچقۇچىدۇر» دېدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران، يەكشەنبە كۈنى سۈرىيەدە ھاسىل قىلىنغان «ئۇرۇش توختىتىش ۋە دۆلەتنى تولۇق بىرلەشتۈرۈش كېلىشىمى» نى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئۇزۇندىن بۇيان تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان «تېررورىزمدىن تازىلانغان رايون» قۇرۇش نىشانى يولىدا تاشلانغان ھالقىلىق بىر قەدەم دەپ سۈپەتلىدى.
دۇران ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «كېلىشىم شەرتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى يېقىندىن تەقىب قىلىنىدۇ» دېدى ھەمدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەرنىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكىنى، بەلكى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان پىرىنسىپلىرى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
سۈرىيەدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنىڭ بارلىق ئېتنىك ۋە مەزھەپ گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ھوقۇقتا باراۋەرلىك پۇقرالىق ئاساسىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دۇران مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:
«زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدىغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلانغان بىر سۈرىيە رايون تىنچلىقىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۇقتىدا تاشلىغان قەدەملىرى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ناھايىتى مۇھىم.»
تۈركىيەنىڭ ھەم ئەمەلىي مەيداندا ھەم سۆھبەت ئۈستىلىدە كۈچلۈك بىر ئاكتىيور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن دۇران؛ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ تۈركىيە چېگرالىرى بويىچە بىخەتەر بىر رايون بەرپا قىلىنىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ بولسا سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرىدىغان باسقۇچلاردا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى تۈركىيە ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئەنقەرە قوشنىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئايرىپ قارىمايدۇ، تىنچلىقنى بىر پىرىنسىپ، مۇقىملىقنى بولسا بىر نىشان سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ.»