ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئانا كورىنا سوسا ئانىسىغا ۋاكالىتەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى
ماچادونىڭ قىزى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئانىسىغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ماچادو يوشۇرۇنغان جايىدىن چىقتى.
ئانا كورىنا سوسا ئانىسىغا ۋاكالىتەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى
مارىيا كورىنا ماچادو نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى بىر مېھمانخانىنىڭ بالكونىدىن قوللىغۇچىلىرىغا سالام قىلدى، 2025-يىلى 11-دېكابىر. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئۆتكەن يىل (2024) كۈزدىن بېرى يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن مارىيا كورىنا ماچادو (Maria Corina Machado) ئوسلودا پەيدا بولدى. ئۇ بىر يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خەلققە ئاشكارا كۆرۈندى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا قول پۇلاڭلىتىپ سالام قىلدى.

نورۋېگىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (NRK) نىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۆكتىچىلەر رەھبىرى مارىيا كورىنا ماچادونىڭ قىزى چارشەنبە (2025-يىلى 10-دېكابىر) كۈنى ئانىسىغا ۋاكالىتەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى. مۇكاپات ساھىبى مارىيا كورىنا ماچادو بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن ئوسلودىكى مۇراسىمغا قاتنىشالمىدى.

ئانا كورىنا سوسا (Ana Corina Sosa) ئوسلو شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا مېدال ۋە گۇۋاھنامەنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا، يېقىنقى ئايلاردا يوشۇرۇنۇپ ياشاۋاتقان ئانىسى ماچادو تەييارلىغان نۇتۇقنىڭ بىر قىسىمىنى ئوقۇدى.

ماچادو چارشەنبە كۈنىدىكى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا ئۈلگۈرۈپ، نورۋېگىيەگە كېلەلمىگەن ئىدى. بىراق، ئۇ پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئوسلودىكى مېھمانخانىسىنىڭ بالكونىدىن قوللىغۇچىلىرىغا قول پۇلاڭلىتىپ، يوشۇرۇنغان جايىدىن چىقتى ۋە بىر يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ئاشكارا كۆرۈنۈشىنى نامايان قىلدى.

نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جورگېن ۋاتنې فرىدنېس (Jorgen Watne Frydnes) نىڭ ئېيتىشىچە، ماچادو مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن نورۋېگىيە پايتەختىگە يېتىپ كەلگەن ۋە بىۋاسىتە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن.

نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماچادو گىرىنۋىچ ۋاقتى (GMT) 09:15 تە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، نوبېل ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى كرىستىيان بېرگ خارپۋىكېن (Kristian Berg Harpviken) ماچادونىڭ «ھازىر نورۋېگىيەدە ئەمەسلىكى» نى ۋە ئوسلو شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

«ۋول سترېت ژۇرنىلى» (The Wall Street Journal) گېزىتىنىڭ سەيشەنبە (9-دېكابىر) كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ماچادو ئامېرىكانىڭ ياردىمى بىلەن ۋېنېزۇئېلادىن كېمىگە ئولتۇرۇپ يولغا چىققان ۋە كارىب دېڭىزىدىكى ئارال دۆلىتى كۇراساۋغا بارغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Venezuela’s Maria Corina Machado not to attend Nobel Prize ceremony: Nobel Institute

غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا  قارشى نامايىشلار ۋە ماچادونىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشى

چارشەنبە كۈنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن كېيىن ئەنئەنىۋى نوبېل زىياپىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتلەردە، شىۋېتسىيە پايتەختىدە نامايىشچىلار يىغىلىپ ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلار ئىسرائىلىيەنىڭ تونۇلغان قوللىغۇچىسى بولغان ماچادوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلىشىنىمۇ تەنقىد قىلدى.

پادىشاھ XVI كارل گۇستاف (Carl XVI)  زىياپەت ئۆتكۈزگەن ستوكھولم شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ سىرتىغا يىغىلغان نامايىشچىلار، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەت تەييارلىقىنى ئەيىبلىدى.

نامايىشچىلار «غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن» ۋە «ۋېنېزۇئېلادىن قولۇڭنى تارت» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

نوبېل مۇكاپاتلىرىنى ئامېرىكا مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ قارايدىغان نامايىشچىلار، ۋاشىنگتون ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىسرائىلىيەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىد قىلدى.

پەلەستىن بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار يەنە 2025-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلەر رەھبىرىگە بېرىلىشىگىمۇ نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشچى گۇرۇپپا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ماچادوغا «مۇكاپاتىنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا بېغىشلىغان، ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەت تەييارلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغان ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ تەرىپىدىن تەبرىكلەنگەن ئايال» دەپ باھا بەردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Why the Nobel Prize is no longer noble
ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار