شىمالىي كورېيە 7 گېكتارلىق دائىرىنى «كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدىغان» بومبىسىنى سىناق قىلدى
پىيوڭياڭ دائىرىلىرى پارتلىتىش كۈچى يۇقىرى، چۈشكەن رايوننى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدىغان «خۋاسوڭ-11كا» (Hwasong-11Ka) تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
شىمالىي كورېيە چاچما ئوقلۇق ئۇرۇش ئوق بېشى سەپلەنگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بەردى. مەسئۇل خادىملار مەزكۇر قورالنىڭ نىشانلانغان رايونلارنى يۇقىرى زىچلىقتىكى قۇۋۋەت بىلەن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كورېيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىناق قىلىنغىنى قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا ئېتىلىدىغان «خۋاسوڭ-11كا» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ، بۇ پىيوڭياڭ تەرىپىدىن «مۇھىم» دەپ تەسۋىرلەنگەن ھەمدە دۈشەنبە بىلەن چارشەنبە كۈنلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر يۈرۈش قورال سىستېمىسى سىناقلىرىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەن.
مەزكۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق سىناق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تەخمىنەن 6.5 گېكتاردىن 7 گېكتارغىچە بولغان كەڭلىكتىكى رايوننى يۇقىرى زىچلىقتىكى پارتلىتىش كۈچى بىلەن «كۈلگە ئايلاندۇرۇش» ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
خەۋەر ئاگېنتلىقى يەنە، بۇ ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى تاكتىكىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇرۇش پەيتىكى ئۈنۈمدارلىقىنى ۋە چاچما ئوقلۇق ئۇرۇش ئوق بېشىنىڭ ۋەيران قىلىش قۇۋۋىتىنى باھالاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى بولسا بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ ھەپتە ۋونسان رايونىدىن شەرق تەرەپتىكى دېڭىزغا قارىتىپ نۇرغۇنلىغان قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن ئىلگىرى پيوڭياڭدىن قويۇپ بېرىلگەن باشقا بىر سىناق جىسىمنىڭ قويۇپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەغلۇپ بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.