خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگلىيە ئورتاق گەۋدىسى باش كاتىپى قۇللۇق تۆلەم سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بارلىقىنى بىلدۈردى
15-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، كەم دېگەندە 12.5 مىليون ئافرىقالىق ياۋروپالىق سودىگەرلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، قۇل سۈپىتىدە سېتىلغانىدى.
ئەنگلىيە ئورتاق گەۋدىسى باش كاتىپى قۇللۇق تۆلەم سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بارلىقىنى بىلدۈردى
ئەنگلىيەدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشنى ئاشكارا قوللاپ كەلگەن بوتچۋېي، ئۆزىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇق تەلەپ قىلىشىنى قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. / AP
11 سائەت بۇرۇن

ئەنگلىيە پادىشاھى چارلېس رەئىسلىكىدىكى 56 ئەزادىن تەركىب تاپقان «ئەنگلىيە ئورتاق گەۋدىسى» باش كاتىپى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان قۇل سودىسى ئۈچۈن تۆلەم سۆھبىتىنى باشلاش مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

چارشەنبە كۈنى بېرىلگەن بىر زىيارەتتە، ئەنگلىيە ئورتاق گەۋدىسى باش كاتىپى ۋە گانانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىرلېي بوتچۋېي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. بوتچۋېي ئىلگىرى ئەنگلىيەدىن تۆلەم تەلەپ قىلىنىشىنى ئاشكارا قوللىغانىدى. باش كاتىپ: «مېنىڭچە، كەلگۈسىدىكى يول خەرىتىسى ۋە ئوخشىمىغان تۆلەم شەكىللىرى توغرىسىدا قارار چىقىرىش ئۈچۈن تەرەپلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇش يۆنىلىشىدە بىر ھەرىكەتچانلىق بار؛ بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېدى.

بوتچۋېي سۆھبەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك بولىدىغانلىقىنى ۋە بەلكىم كارىب ئورتاق گەۋدىسى ھەمدە ئافرىقا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش رايون خاراكتېرلىك گۇرۇپپىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسىدىن بارلىققا كەلگەن ئەنگلىيە ئورتاق گەۋدىسى تەخمىنەن 2.7 مىليارد نوپۇسقا ۋەكىللىك قىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەزالار ئارىسىدا ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، ئافرىقا قىتئەسىدىكى 21 دۆلەت ۋە باربادوس بىلەن يامايكاغا ئوخشاش كارىب دۆلەتلىرى بار.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يېقىن دوستى پادىشاھ چارلېس قۇللۇق تۈزۈمىدىن چوڭقۇر پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە ئەنگلىيە پادىشاھ جەمەتىنىڭ قۇل سودىسى بىلەن بولغان تارىخىي باغلىنىشىغا ئائىت تەتقىقاتلارنى قوللىغان ئىدى. بىراق ئەنگلىيە، كۆپلىگەن سابىق مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرگە ئوخشاش، تۆلەم تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

تۆلەملەر پەقەت مالىيە جەھەتتىن بولۇشى شەرت ئەمەس

ئەنگلىيەنىڭ قۇل سودىسى جەريانىدا تەخمىنەن 3.2 مىليون كىشىنى توشىغانلىقى مەلۇم بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئەنگلىيەنى تەخمىنەن 6 مىليون كىشىنى قۇل قىلغان پورتۇگالىيەدىن كېيىنكى ئەڭ ئاكتىپ ئىككىنچى ياۋروپا دۆلىتىگە ئايلاندۇرغان. ئافرىقا ئىتتىپاقى ئۆتكەن يىلى تۆلەم مەسىلىسىنى يىللىق تېما قىلىپ بېكىتتى ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئورتاق مەۋقە يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەكتە.

کارىب ئورتاق گەۋدىسى بولسا، قەرزلەرنى كەچۈرۈم قىلىش تەلىپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ماددىلىق بىر تۆلەم پىلانى تەييارلىغان ئىدى. بۇ پىلان ئەنگلىيە تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولسىمۇ، بوتچۋېي باشقا سىمۋوللۇق تۆلەم شەكىللىرىگىمۇ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەنگلىيە بەلكىم مالىيە جەھەتتىن تۆلەم تۆلىيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. ئەمما تۆلەم پەقەت مالىيە جەھەتتىن بولۇشى شەرت ئەمەس. شۇڭا تەرەپلەر بىر يەرگە جەم بولغاندا، ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلالايدۇ» دېدى.

مۇھىم پۇرسەت

پادىشاھ چارلېس ئۆزىنىڭ ئىنىسى ئاندرېۋ ماۋنتباتتېن-ۋىندسۇرنىڭ ئامېرىكالىق جىنسىي جىنايەتچى جېفرېي ئېپشتېين بىلەن بولغان دوستلۇقى سەۋەبىدىن بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. بۇكىنگھام سارىيى دۈشەنبە كۈنى، ئاندرېۋنىڭ ئېپشتېين بىلەن ئەنگلىيەگە تەۋە مەخپىي سودا ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھرىلەشكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى ھۆججەتلەردىن كېيىن، ھەر قانداق بىر ساقچى تەكشۈرۈشىنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاندرېۋ ئېپشتېين بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن پادىشاھ تەرىپىدىن جەمەتنىڭ يېقىن دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن ۋە نۇرغۇن ئۇنۋانلىرى تارتىۋېلىنغانىدى.

بوتچۋېي خانىش ئېلىزابېت ۋاپات بولغاندىن كېيىن 2023-يىلى پادىشاھ بولغان چارلېسنىڭ ئەنگلىيە ئورتاق گەۋدىسى ئۈچۈن «چوڭ بىر قىممەت» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «پادىشاھنىڭ ئەنگلىيە ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مۇھىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىزگە قىممەت قوشۇش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىنتايىن مىننەتدارمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ  ئىرانغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىنىشىغا قارشى  ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى
تۈركىيە سومالىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى ئىزچىل قوللىماقتا
مارك كارنېي تۈركىيەنىڭ كانادا ئۈچۈن «ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە شېرىك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى
جەنۇبىي كورېيە خىتاي بىلەن سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە
زېلېنىسكىي ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى سانىنىڭ 55 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى
پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكانىڭ قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن بىخەتەرلىك مانېۋىرى ئاخىرلاشتى
رۇسىيە ئامېرىكانىڭ بېسىمىغا قارىماي كۇبانى نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
جەنۇبىي ئاسىيادا ۋەھىمە دولقۇنى پەيدا قىلغان نىپاھ (Nipah) ۋىرۇسى قانداق ۋىرۇس؟
پاكىستاننىڭ بالۇجىستان رايونىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەر سانى 250 تىن ئاشتى
ئەگە دېڭىزىدا بىر كۆچمەنلەر كېمىسى گىرېتسىيە ساھىل مۇھاپىزەت پاراخوتىغا سوقۇلۇپ، 14 كىشى قازا قىلدى
جاۋا ئارىلىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش نەتىجىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 85 كە ئۆرلىدى
ھىندونېزىيەدىكى سېمېرۇ يانار تېغى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتتە قېتىم پارتلىدى
قۇرتۇلمۇش: سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان-تۈركىيە مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى رىيادتا ئېچىلدى
ئۇكرائىنا، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئۈمەكلىرى ئەبۇ دەبىدە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ