سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن رۇسىيەدە سىيرەك توپا قېزىش ئۈچۈن مىنىستىرلار كېڭىشىدىن پىلان تۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى
رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن سىيرەك توپا تۈرلىرىدە ھەمكارلىشىشنى نىشان قىلماقتا.
پۇتىن رۇسىيەدە سىيرەك توپا قېزىش ئۈچۈن مىنىستىرلار كېڭىشىدىن پىلان تۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى
پۇتىن رۇسىيەدە سىيرەك توپا قېزىش ئۈچۈن مىنىستىرلار كېڭىشىدىن پىلان تۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى / Reuters

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە مىنىستىرلار كېڭىشىگە 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە سىيرەك توپا قېزىش ئۈچۈن بىر يول خەرىتىسى  سىزىپ چىقىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

پۇتىن كىرېمىل سارىيىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان مىنىستىرلارغا بېرىلگەن ۋەزىپىلەر تىزىملىكىدە يەنە، رۇسىيەنىڭ خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە چېگراسىدىكى قاتناش ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تەدبىرلەرنى قوللىنىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى.

ئەقلىيفونلار، توك ئاپتوموبىللار ۋە قورال سىستېمىلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان سىيرەك توپا تۈرلىرى خەلقئارا سودىدا ناھايىتى زور ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 4 – ئايدا ئۇكرائىنا بىلەن بۇ ساھەدە بىر كېلىشىم ئىمزالىغانىدى. بۇ كېلىشىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى كانلارغا ئالدىن ئېرىشىشىنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زۆرۈر مەبلەغلەرنىڭ سېلىنىشىنى نىشان قىلىدۇ.

رۇسىيە سىيرەك توپا تۈرلىرىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش يۆنىلىشىدە ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ مەسىلىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىدى.

سىيرەك توپا تۈرلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان خىتاي، بۇ يىل ئامېرىكانىڭ باجلىرىغا جاۋابەن سىيرەك توپا ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويدى.

 پۇتىننىڭ يوليورۇقى 9 – ئايدا ۋلادىۋوستوكتىكى يىراق شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا ماقۇللانغان ھەرىكەت ماددىلىرىنىڭ خۇلاسىسى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر يوليورۇقتا، رۇسىيەنىڭ سىيرەك توپاغا ئائىت پىلانى ھەققىدە تەپسىلات مەلۇمات بېرىلمىگەن.

يوليورۇقتىكى باشقا ماددىلار ئارىسىدا، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە چېگراسىدا «كۆپ خىل قاتناش ۋە تەمىنلەش مەركەزلىرى» نى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا دائىر ماددىلارمۇ بار.

پۇتىن مەزكۇر لىنىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئىككى تۆمۈر يول كۆۋرۈكىنى ۋە 2026 – يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلانغان شىمالىي كورېيەگە يېڭى بىر كۆۋرۈك سېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقتىكى ئىككى قوشنىسى بولغان خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن موسكۋاغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەندىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرنى كۈچەيتتى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز