تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ش ق ت ج نىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدىمۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى (ش ق ت ج) نىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ش ق ت ج نىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 52 يىللىق خاتىرىسىنى ئىپتىخارلىق بىلەن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ھەمدە تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدىمۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى (ش ق ت ج) نىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىگە تاج كىيدۈرگەن قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 52 يىللىق خاتىرىسىنى ئىپتىخارلىق بىلەن تەبرىكلەيمىز. بۇنىڭدىن تولۇق 52 يىل ئىلگىرى تۈركىيە، 1960-يىللىق كاپالەتچىلىك كېلىشىمىدىن كەلگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى دائىرىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى ۋە ئارالدىكى مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەت ئاستىغا ئالغان ئىدى.»

ئۇچۇردا، بۈگۈنكى كۈندە قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ش ق ت ج نىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا، ئەركىن لەپىلدەۋاتقان بايرىقى ئاستىدا قەددى تىك، خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. شۇنداقلا، ئانا ۋەتىنى ۋە كاپالەتچىسى بولغان تۈركىيەنىڭ تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاشلا بۈگۈن ۋە كەلگۈسىدىمۇ قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھوقۇقى بولغان ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى ۋە خەلقئارالىق سالاھىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قايتا ئەسكەرتىلدى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا يەنە: «قىبرىستا تىنچلىق ئورناتقان، مىللىي دەۋايىمىز يولىدا كۆز يۇمماستىن شېھىتلىك دەرىجىسىگە يەتكەن مەھمەتچىكلىرىمىزنى (ئەسكەرلىرىمىزنى) ۋە مۇجاھىتلىرىمىزنى رەھمەت بىلەن ئەسلەيمىز، غازىلىرىمىزغا چەكسىز مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ