گېرمانىيە ھۆكۈمەت تاقىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن ئامېرىكا بازىسى خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنى تۆلەيدۇ
گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتتىكى ئامېرىكا بازىسى خادىملىرىنىڭ ئۆكتەبىر ئايلىق مائاشىنى تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان چىقىمنى تەستىقلىدى.
مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىدىكى تەخمىنەن 11 مىڭ يەرلىك خىزمەتچىنىڭ مائاشىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا.
مىنىستىرلىق باياناتچىسى: «فېدېراتىپ ھۆكۈمەت ئۆكتەبىر ئايلىق مائاشنىڭ ۋاقتىدا تۆلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پىلاندىن سىرت چىقىم قىلىدۇ» دېگەن.
گېرمانىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى «ۋەردى» سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، يەرلىك خىزمەتچىلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشلىرىدا مائاش ئېلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، ئەمما ھازىرقى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مائاش تۆلەشنى توختىتىپ قويۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى كۆرۈنۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بۇنداق ئەھۋالنىڭ گېرمانىيە قانۇنلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقانداق مائاش زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر چارە تېپىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى AFP غا قىلغان سۆزىدە، ھۆكۈمەت تاقاق بولسىمۇ ئامېرىكىنىڭ يەنىلا پۇل تۆلىيەلەيدىغان ياكى تۆلىيەلمەيدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، بېرلىندىكى فېدېراتىپ ھۆكۈمەت ۋە رېينلاند-پالاتىنات ئىشتاتىنىڭ مائاشنىڭ تۆلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ھەرقانداق مەسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتچى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا تەرەپ پۇل تۆلىگەندىن كېيىن مائاش خىراجىتىنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بېرلىننىڭ بۇ تۆھپىسىنىڭ «گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قوراللىق قىسىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ پۇقرا خىزمەتچىلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنىڭ بىر ئىپادىسى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ 21 كۈندىن بۇيان تاقاق ھالەتتە قېلىشىغا سەۋەب بولغان ۋاقىتلىق مالىيە تەدبىرىنى 11-قېتىم رەت قىلدى.
دۈشەنبە كۈنى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ھۆكۈمەتنى 21-نويابىرغىچە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان بىر قانۇن لايىھەسى ئۈستىدە بېلەت تاشلىغان بولۇپ، 50 گە قارشى 43 لىك بېلەت نەتىجىسى بىلەن قانۇن لايىھەسىنىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك 60 بېلەتكە يېتەلمىگەن.
تەنقىدچىلەر، قانۇن لايىھەسىنىڭ ھالقىلىق ساغلاملىق مۇلازىمىتى ياردەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقىنى ۋە بۇ ياردەم پۇللىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىسە، مىليونلىغان ئامېرىكىلىقنىڭ تۆلىيەلمەيدىغان سۇغۇرتا پۇلىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ياكى پۈتۈنلەي سۇغۇرتا دائىرىسىدىن چېكىتىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتماقتا.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى راند پائۇل قانۇن لايىھەسىگە قارشى چىققان بولسا، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى كاتېرىن كورتاز ماستو ۋە مۇستەقىل كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئانگۇس كىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە قانۇن لايىھەسىنى قوللىدى.
كېڭەش پالاتا مۇنبىرىدە سۆز قىلغان ئاز سانلىقلار رەھبىرى چاك شۇمېر، ھەم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنى ھەم ئاقساراينى سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى ھەمدە تاقىلىپ قېلىشنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، بولۇپمۇ ساغلاملىق ساھەسىدە، مىليونلىغان ئامېرىكىلىقنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقان ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ھەل قىلىش چارىسىنىڭ كۆرۈنمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.